欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

ئاxنىڭزەھەرلىكبۇيۇمئېلىپ–سىتىشدىلوسىنىڭئەيىبنامىسى

2021-09-20 独角龙 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئۈرۈمچى شەھەرشىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ،ش،ت،ئەيىبلەش 1- بۆلۈم (2020) 15– نومۇرلۇق ؛

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكارئاx، ئەر، ئۇيغۇر،****–يىلى**–ئاينىڭ**– كۈنى، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى: 650105********1312، مەدىنىيەت سەۋىيىسى: تولۇقسىز ئوتتۇرا، خىزمەت ئورنى:يوق. نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنى لىيۇۋداۋان يولى شەرقى **- كوچا **- نومۇر **- بىنا **-زال **-نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى نوپۇس بىلەن بىردەك. 2018– يىلى 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلىپ 2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 27-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ –سېتىشقا چىتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2019– يىلى12–ئاينىڭ 27–كۈنى جاۋابكار ئاxنىڭ  زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ –سېتىش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ۋە جىنايەتنى ئېتىراپ قىلىپ جازانى قوبۇل قىلىش تەرتىۋىدە كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇردۇق. قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكارنىڭ ھەم ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق .دىلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغاچقاتەكشۈرۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرۈگىنى بىر قىتىم ئۇزارتتۇق.(2020 يىلى 1– ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 11– كۈنى) جاۋابكاردىلونى ئاددى تەرتىپ قولىنىشىمىزغا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

   2019- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن 3لەر ئەتراپىدا،جاۋابكار ئاx شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايونى لىيۇداۋان يولى لىيۇداۋان ئولتۇراق رايونى ئۇدۇلىدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ي x كە 320 يۈەنگە 2 تال سافى دورىسى ، 2 تال ئوكۇل سۇيۇقلۇقى، 2 تال شىپىرىسنى 320 يۈەنگە سېتىپ بەرگەن نەق مەيدانداساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. يىنىدىن 3 تال ئاق رەڭلىك تابلىتكا، 14 تال ئوكۇل سۇيۇقلۇقى تىپىلغان.تەكشۈرۈش ئارقىلىق دورىنىڭ ناركوز دورىسى پروپىننوفى ئىكەنلىگى بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىت توۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ .

1 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ (2019)236-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتى.

2.ماددى ئىسپاتلارنىڭ رەسىمى.

3.جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى،تۇتۇش جەريانى. ئاختۇرۇش خاتىرىسى، ج خ ئورگىنىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى تۇتۇپ قىلىش ئۆتكۈزۈپ بىرىش تالۇنى،دىلوغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتنى تۇتۇپ قىلىش،ئۆتكۈزۈپ بىرىش تالۇنى،ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى،ئېغىرلىق ئۆلچەش خاتىرىسى،ئايرىپ ئېلىش خاتىرىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم قاتارلىق يازمىچە ئىسپاتلار؛

4. گۇۋاچى ي  x نىڭ گۇۋالىق سۆزى .

5. جاۋابكار ئاxنىڭ ئىقرارى  ۋە  ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى .

يۇقارقى دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىۋى قانۇنغا ئۇيغۇن، مەزمۇن ئوبىكتىپ ئەمىلى،پاكىتنى بىكىتىشكە يىتەرلىك. جاۋابكار ئاx بىكىتكەن جىنايى پاكىت ۋە ئىسپاتلارغا باشقا پىكرى يوق،شۇنداقلا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئاx دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلىتىمىزنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم  باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق  قىلىپ ناركۇز دورىسى ئېلىپ-ساتقان قىلمىشى  « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 357– ماددىسىغا  347- ماددىسى 1-تارمىقى 4-تارمىقىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سىتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. جىنايى پاكىتى ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق ، زەھەر بۇيۇم ئېلىپ-سىتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك. جاۋابكار  تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن »نىڭ 67 – ماددىسىنىڭ 3– تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك.  جاۋابكار ئاx ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتنى ئېتىراپ قىلىپ جازانى قوبۇل قىلغان،شۇنداقلا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خىتىگە قول قويغان.« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن »نىڭ 15 – ماددىسىنى تەدبىقلاش كېرەك.شۇڭا جاۋابكار ئاxغا  5 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ 1000 يۈەن شتراپ قويۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز.   « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن »نىڭ 176 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق .

ھۆرمەت بىلەن: 

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش : زۇلپىيە ئۆمەر

تەپىش: نۇر ئەلى نۇر مەمەت

2020– يىلى 2– ئاينىڭ 5– كۈنى 

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار ئاx ھازىر 1 – قاماقخانىدا قاماقتا؛

 2. جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى بىر پارچە؛

3.ئاددى تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.

4. دىلو ماتىريالى ئىككى توپلام ئەيىبلاشنامە .

5. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ماددى ئىسپات بىر دانە يانفۇن بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top