欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

ئەxنىڭئوغرىلىقدىلۇسىنىڭئەيىپنامىس

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەرشىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ،ش،ت،ئەيىبلەش 1- بۆلۈم (2020) 147– نومۇرلۇق؛

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئەx ، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، **** – يىلى ** – ئاينىڭ **– كۈنى توقسۇن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى: 652123********2017، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى: يوق. نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ توقسۇن ناھىيىسى ئىلانلىق يېزىسى گۇلباغ كەنت **- ئەترەت **-**-**- نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى نوپۇس بىلەن بىردەك. 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 16 – كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن توقسۇن ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2015- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 1 يىل       10 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2020- يىلى 6ـ ئاينىڭ 12- كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 – قاماقخانىدا قاماقلىق. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2019– يىلى 9– ئاينىڭ 18- كۈنى جاۋابكار ئەxنىڭ ئوغرىلىق دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى  قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى  بارلىقىنى ۋە جىنايەتنى ئېتىراپ قىلىپ جازانى قوبۇل قىلىش تەرتىۋىدە كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتلەرنى  ئۇقتۇردۇق. قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،جاۋابكارنىڭ ھەم ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ  بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار دىلونى ئاددى تەرتىپ قولىنىشىمىزغا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2020- يىلى 6- ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەر سائەت 3 لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئەx شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايۇنى باداۋان مەمۇرىلار ئولتۇراق رايۇنىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى قۇرلۇش ئورنىنىڭ ۋاقىتلىق ياسالغان ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ زىيانغا ئۇچرىغۇچى شxنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ياستۇق يېنىغا قۇيۇپ قويغان بىر دانە خۇاۋىي ماركىلىق 10 پىلاس تىلفۇنى بىلەن ئىشتىنىنىڭ يانجۇقىدىن 2300 يۈەن سېلىنغان پورتمالنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى چxنىڭ ياستۇق يېنىغا قۇيۇپ قويغان بىر دانە خۇاۋىي ماركىلىق رۇڭياۋ X9 تىپلىق تىلفۇننى  ئوغرىلاپ چىقىپ زاڭ مالنى سېتىپ، زاڭ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. خۇاۋىي ماركىلىق 10 پىلاس تىلفۇننىڭ قىممىتى 1325 يۈەن. خۇاۋىي ماركىلىق رۇڭياۋ X9 تىپتىكى تىلفۇننىڭ قىممىتى 910يۈەن.

يۇقارقى پاكىت توۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ .

1. يازمائىسپات: تۇتۇش جەريانى، سالاھىيەت ئىسپات، تەكشۈرۈش ماتىرياللىرى قاتارلىقلار.

2. گۇۋاچى جاx، ئەxلارنىڭ گۇۋالىق سۆزى.

3. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شx، چxلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە بايانى.

4. جاۋابكارئەنۋەر كىرەمنىڭ ئىقرارى  ۋە  ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى .   

5. باھالاش يەكۈنى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا بىكىتىش مەركىزىنىڭ  (2020) 50449- 50448 -نومۇرلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتى.

6. تەھقىقلەش، تەكشۈرۈش، نەق مەيداننى تۇنۇتۇش خاتىرلىرى قاتارلىقلار. 

7. جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى؛

8.ئۈن سىن ماتىريالى: ئىككى دانە.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئەx دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىدىدە باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى  ئوغرىلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» 264- ماددىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، قىممىتى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك.جاۋابكار ئەx ئىلگىرى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىلەن يۇقۇرى جازا بىرىلگەن تەكرار جىنايەتچى شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ65-ماددىسىنى بەلگىلىمىنى تەدبىقلاش كېرەك.جاۋابكار  تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن »نىڭ 67 – ماددىسىنىڭ 3– تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار ئەx ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ جىنايى قىلمىشىغا ئىقرار جازانى قوبۇل قىلغانلىغى ئۈچۈن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 15– ماددىسىنى قوللاندۇق. جاۋابكار ئەxگە مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ 1000 يۈەن شتراپ قويۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ176 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق .

ھۆرمەت بىلەن: 

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش : زۇلپىيە ئۆمەر

مۇۋەققەت تەپىش: ئەخمەتجان تۇردى 

2019– يىلى 10– ئاينىڭ 16– كۈنى 

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار ئەx 1-  قاماقخانىداقاماقتا .

2. دىلو ماتىريالى ئىككى توپلام ئەيىبلاشنامە بىلەن بىرگە يوللاندى .

3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش پىكىرنامىسىدىن بىر پارچە.

4. «جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخەتنامىسى» بىر پارچە.

5. ئۆتكۈزۈلگەن دىسكا ئىككى دانە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top