欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

مەX،ئەXنىڭئوغرىلىقدىلۇسىنىڭئەيىپنامىس

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئۈرۈمچى شەھەرشىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ،ش،ت،ئەيىبلەش 1- بۆلۈم (2020) 57 – نومۇرلۇق ؛

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئەX، ئەر، ئۇيغۇر،** ياش، ****- يىلى **- ئاينىڭ **– كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى: 650105********1910، مەدىنىيەت سەۋىيىسى: باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، خىزمەت ئورنى:يوق . نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنى خېروڭ كوچىسى ** –نومۇر **– بىنا ** – ئىشىك ** – ئۆي. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى نوپۇس بىلەن بىردەك. 2011 – يىلى 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى شىمگو رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن كىسىلگەن . 2016 - يىلى 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن  ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1 يىل 5  ئايلىق قاماق جازاسى بىلەن كىسىلگەن. 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. 2020ـ يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان. 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغان.2020 – يىلى 2 – ئاينىڭ 24- كۈنى ج خ ئىدارىسى شىمگو  رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

جاۋابكار مەX، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش،****-يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى: 650105********1312، مەدىنىيەت سەۋىيىسى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، خىزمەت ئورنى:يوق . نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنى ليۇداۋان يولى شەرقى ** – كوچا ۋېڭخۇ چۈنگۇاڭ ئولتۇراق رايۇنى ** – بىنا ** – كورپۇس ** - نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى نوپۇس بىلەن بىردەك. 2014 – يىلى 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن  زەھەر چەككەنلىگى ئۈچۈن 15 كۈن مەمۇرى جازا بىرىلگەن. 2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى زەھەر چەككەنلىگى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن 15 كۈنلۈك مەمۇرى جازا بىرىلگەن. 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى نەشە چەككەنلىگى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن2 يىل 15 كۈن مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. 2020ـ يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان. 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغان. 2020 – يىلى 2 – ئاينىڭ 24- كۈنى ج خ ئىدارىسى شىمگو  رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2019– يىلى4–ئاينىڭ 24–كۈنى جاۋابكار  مەX، ئەرXنىڭ ئوغرىلىق  دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى  قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى  بارلىقىنى ۋە جىنايەتنى ئېتىراپ قىلىپ جازانى قوبۇل قىلىش تەرتىۋىدە كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتلەرنى  ئۇقتۇردۇق. قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،جاۋابكارنىڭ ھەم ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ  بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.دىلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغاچقاتەكشۈرۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرۈگىنى بىر قىتىم ئۇزارتتۇق. جاۋابكاردىلونى ئاددى تەرتىپ قولىنىشىمىزغا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2020ـ يىلى 1ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى چۇشتىن كېيىن سائەت 4 يىرىملار ئەتراپىدا جاۋابكار مەX، ئەXلار شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايۇنى ليۇداۋان ۋېيخۇچۈنگۇاڭ ئولتۇراق رايۇبى 5 – بىنا 6 – ئىشىك 201 – ئۆيگەدەرىزىدىن يامىشىپ كىرىپ، مەX سىرتتا كۈزۈتۈپ تۇرغان ئەX  ئۆيدىكى تارتما ئىچىدە بىر جۈپ ئاق رەڭلىك قاشتىشى بىلەيزۈك، ئىككى تال قول سائەت، بىر دانە يىپغا ئۆتكۈزۈلگەن بويۇنغا ئاسىدىغان يېرىم باش بارماقچىلىق كىلىدىغان ئاق رەڭلىك قاشتىشى،بىر دانە موتولولا ماركىلىق تىلفۇن،يەنە بىر تۇخۇم چوڭلۇقتىكى ئاق تاش، بىر دانە قولغا  سىلىۋالىدىغان يۇمىلاق تاشلارنى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن. جىنايەت گۇماندارلىرى تۇتۇلغاندىن كېيىن بىر دانە ئاق رەڭلىك قاش تاش بىلەيزۈك، ئىككى دانە قول سائەت، بىر دانە يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن كىچىك ئاق قاش تاش، بىر دانە موتولولا تىلفۇن ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان. موتولولا تىلفۇننىڭ قىممىتى 50 يۇەن.

   يۇقارقى پاكىت توۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ .

1.يازمائىسپات: تۇتۇش  جەريانى،سالاھىيەت ئىسپات تۇنۇپ بىرىش خاتىرىسى ماتىرياللىرى قاتارلىقلار؛

2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى  ۋاXنىڭ  دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە بايانى؛

3. جاۋابكارمەX، ئەXنىڭ ئىقرارى  ۋە  ئۆزىنى  ئاقلاش سۆزى .   

4. جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى؛

5. ئۈن سىن ماتىريالى: ئىككى دانە.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئەX، مەXلەر دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىدىدە  باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ ئوغرىلىق قىلغان  بولۇپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» 264- ماددىسىدىكى  ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك . جاۋابكارلار  تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن »نىڭ 67 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكارلار ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ جىنايى قىلمىشىغا ئىقرار جازانى قوبۇل قىلغانلىغى ئۈچۈن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن »نىڭ15 – ماددىسىنى قوللاندۇق. شۇڭا جاۋابكار ئەXنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك 8 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ 1000 يۈەن شتراپ قويۇش،مەXنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك  6 ئايلىق قاماق جازاسى  بېرىپ،  قوشۇمچە  1000 يۈەن شىتراف قۇيۇشنى تەكلىپ قىلىمىز. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن »نىڭ 176 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق .

ھۆرمەت بىلەن: 

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش : زۇلپىيە ئۆمەر

تەپتىش:نۇر ئەلى نۇرمەمەت

2020– يىلى 6– ئاينىڭ 2– كۈنى 

ئىلاۋە :

1. جاۋابكارمەX، ئەX 1-  قاماقخانىداقاماقتا .

2. دىلو ماتىريالى ئىككى توپلام ئەيىبلاشنامە بىلەن بىرگە يوللاندى .

 3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش پىكىرنامىسىدىن بىر پارچە.

4.«جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخەتنامىسى» بىر پارچە؛

5. ئۆتكۈزۈلگەن دىسكا ئىككى دانە؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top