欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭئوغرىلىقدىلوسىنىڭئەيىبنامىسىxئا

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]130– نومۇرلۇق 

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئاx، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ ****-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 650103********2310، باشلانغۇچ مەكتەب مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق. نوپۇستا تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھرىمىزنىڭ سايباغ رايۇنى مۇھىت ئاسراش جەنۇبى يولى خۇيمىن ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-ئىشىك **- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلگەن. 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويوپ بىرىلگەن؛  2015-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلگەن. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويوپ بىرىلگەن؛ 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو  رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلگەن. 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويوپ بىرىلگەن؛  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلگەن. 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويوپ بىرىلگەن؛  2018-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلگەن. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويوپ بىرىلگەن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوغرىلىققا چېتىلىپ  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مىترو ئامانلىق ساقلاش شۆبىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 7-ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مىترو ئامانلىق ساقلاش شۆبىسى قولغا ئىلىشنى ئىجرا قىلغان. ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مىترو ئامانلىق ساقلاش شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 9–ئاينىڭ 4–كۈنى جاۋابكار ئاxنىڭ ئوغرىلىق دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن 9–ئاينىڭ 5–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكارئاx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت  20:30 لەردە ، شەھرىمىنىڭ خۇڭسەن BRT بىكىتىدە، ئابتۇبۇزغا چىقىۋاتقان زىيانغا ئۇچرىغۇچى لى xنىڭ ئىشتان ئارقا ئوڭ تەرەپ يانچۇقىدىن VIVO ماركىلىق Y55A تىپلىق يانفۇننى ئوغرىلىۋالغان ،زاڭ  مالنىڭ قىممىتى 150يۇەن بۇلۇپ ، زاڭ مال قايتۇرۇپ كىلىنمىگەن.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ:

1. يازمىچە ئىسپات.زىيانغا ئۇچىرغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى،سۆھبەت خاتىرسى، تۇنتۇش رەسىمى ۋە خاتىرسى، تۇتۇش جەريانى ، ئاختۇرۇش خاتىرسى،  جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، نەق مەيدان سۈيدۈك تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئون بارماق ئىزى ئۇچۇرى كارتىسى. جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى ۋە قويۇپ بىرىش ئسپاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم قاتارلىقلار.

3. گۇۋاھچىلى دېڭ x، غx ، قxلار نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.

4. جاۋابكار ئاxنىڭ  ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.

5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال-باھا مەركىزىنىڭ 2020(50487)نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسى. 

6. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرىنىشى ئېلىنغان دېسكا 1 دانە.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئاxنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 246–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، 

جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، ئوغرىلىق جىنايىتىنى جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك. جاۋابكار ئاx تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 67-ماددىسى 3-تارمىقىغا ئاساسەن، يىننىك جازا بېرىلسە بۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمسى

تەپتىش : ئارزىگۈل ھېمىت 

                                    ئەخمەتجان تۇردى

2020–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنى

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار ئاx ھازىرئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقلىق.

2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1 پارچە.

3. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.

4. دىلو دىلو ماتىريالى ئىككى توپلام ئەيىبلاشنامە9نۇسخا.

5. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك دېسكا 1 دانە دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top