欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭئوغرىلىقدىلوسىنىڭئەيىبنامىسىxئۈ

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]102– نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار ئۈx ، ئەر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇرپان شەرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652101199608201819، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەب مەلۇماتلىق، مۇقۇم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك يېزىسى بويلۇق كەنت بوستان **- ئەترەت **- نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن تۇرپان شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنلۇق ىەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 2 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئوغۇرلۇققا چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 12-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئىلشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئىلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 2–ئاينىڭ 18–كۈنى جاۋابكار ئۈ xنىڭ ئوغرىلىق دىلوسىنى مەھكىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 0 دىن ئاشقاندا جاۋابكار ئۈ x شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايونى باداۋەن تەرەپتىكى بىر ئولتۇراق رايونىغا كىرىپ بىر دورىخانىنىڭ دېرىزىسىنىڭ ئازراق ئوچۇقلىقىدىن پايدىلىنىپ دورىخانىغا كىرىپ، دورىخانىنىڭ پوكىيىنىڭ تارتمىسى ۋە پوكەينىڭ كەينىدىكى ئىشكاپنىڭ ئىچىدىن جەمئىي 13595 يۈەن نەق پۇل ۋە بىر دانە خۇاۋېي ماركىلىق يانفوننى ئوغرىلاپ، زاڭ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، يانفوننى تاشلىۋەتكەن.

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى تۈمۈريول ئىدارىسى قۇمۇل ج خ باشقارمىسى تۇرپان ساقچىخانىسى تەرىپىدىن توردىكى تۇتۇش بۇيرىقىغا ئاساسەن  تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىت توۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.

1. ماددىي ئىسپات: ئۈچ دانە دېسكا.

2. يازمىچە ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى، نەق مەيداننى تۇنۇپ بېرىش رەسىمى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى، چۈشەنچە قاتارلىقلار.

3. زىيانغا ئۇچرىغۇچى جىياڭ xنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرسى.

4. گۇۋاھچى س x، ئېxنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى. 

5. جاۋابكار ئۈxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.

6. بارماق ئىزىنى باھالاش نەتىجىسى.

7. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، تۇنۇتۇش خاتىرىسى.

8. ئۈن سىن ماتىريالى: سىن ماتىريالىنى تەھقىقلەش يىپ ئۇچى دوكلاتى

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئۈx يوشۇرۇش ۋاستىلەرنى قوللىنىپ شەخىسنىڭ بىر قەدەر زور مىقتاردىكى مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 264 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئۈx تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار ئۈx ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئىجرا قىلىنىپ بۇلۇپ 5 يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت ئۆتكۈزگەن، تەكرار جىنايەتچى، شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 65-ماددىسىنى تەدبىقلاش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق .

ھۆرمەت بىلەن:

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش: مىھرىگۈل مىجىت 

سۈبىھى ھۈسەن

2020–يىلى 8–ئاينىڭ 26–كۈنى 

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار ئۈx ھازىر شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.

2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1 پارچە.

3. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.

4. دىلو دىلو ماتىريالى تۆت توپلام  ئەيىبلاشنامە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top