شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ئە 2-بۆلۈم (2021)11 - نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ھx، ئەر، ئۇيغۇر، ****–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : 0139 ********653127، ئۇيغۇر، تولۇقسىز مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، خىزمەت ئورنى: باداۋەن **** باغچىسىنىڭ توختاملىق ئىشچىسى. نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەر يىڭى شەھەر رايونى ئەننەنچۈ بازىرى خېشى كەنتى **-نۇمۇر (قۇرۇق نۇپۇس)، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونى باداۋان يولى شىمالى **-كوچا **-نۇمۇر **- ئۆي. 2021- يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرپىدىن كىپىلگە بېرلىگەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2021–يىلى 1–ئاينىڭ 22–كۈنى جاۋابكار ھx نىڭ خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار بۇ دىلونى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 22:33 مىنۇت ئەتراپىدا، جاۋابكار ھx ھاراق ئىچىپ، تەكشۈرۈش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن شىنA3XZ09 نومۇرلۇق كۈلرەڭ فېڭتىيەن ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، شىمگو رايونى جېنئەن كوچىسى باداۋان مەمۇرلار ئولتۇراق رايۇنى يولىغا كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان. قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ھx نىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 132 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ھاراق ئىچىپ خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىنى بىكىتىش ئۆلچىمىگە توشقان .
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.
1. يازما ئىسپات : تەكشۈرۈپ تۇتۇش جەريانى، ئىسپىرت نەپەس تەكشۈرۈش تالونى، قان ئەۋرىشكىسى ( سۈيدۈك ئەۋرىشكىسى ) ئېلىش تىزىملاش جەدۋىلى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ۋە شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش تالونى، جاۋابكار ھx نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى قاتارلىقلار ؛
2. گۇۋاھچى ئاxنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ؛
3. جاۋابكار ھx نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى ؛
4. باھالاش يەكۈنى : شىنجاڭ قاتناش ئىلمىي تەتقىقات ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ( 2021 ) 0049AJ-نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاپ تەكشۈرۈش يەكۈنى ۋە ئۇقتۇرۇشى
5. ئۈن ـ سىن ماتېرىياللىرى؛ تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈش ۋە قان ئېلىش كۆرۈنمە چاستوتىسى، رەسىملىك كۆرۈنۈشى .
يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ، بىر-بىرىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، مۇكەممەل دەلىل-ئىسپات زەنجىرى شەكىللىنىپ، جاۋابكار ھx نىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ۋاقتى، ئورنى ۋە جەريانىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ھx قاتناش-تىرانسپورت باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەست بولۇپ يولدا خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بۇ قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. جىنايى پاكىتى ئېنىق ، دەلىل– ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ھx تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى ئىقرار قىلغانلىرىغا يېنىك جازا بېرىلسە بۇلىدۇ دىگەن ماددىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار ھx ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىپ ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش كىپىللىك خېتىگە ئىمزا قويغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەتبىقلاش كېرەك. يۇقارقىلارنى يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا جاۋابكار ھx گە بىر ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ، ئىككى ئاي كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، قۇشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش تەكلىبى بېرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
ھۆرمەت بىلەن:
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش : پەرىدە مەمەت
مۇۋەقەت تەپتىش : ئەخمەتجان تۇردى
2021–يىلى 2–ئاينىڭ 6–كۈنى
ئىلاۋە :
1. جاۋابكار ھx ھازىر ئائىلىسدە كىپلىدە. ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى : ********139.
2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى بىر پارچە؛
3. ئاددى تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى؛
4. دىلو ماتىرىيالى ئىككى توپلام ،ئەيىبلەشنامە، بىر دانە دېسكا بىرگە يوللاندى؛
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论