欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭزەھەرلىكبۇيۇمئېلىپسېيتشدىلوسىنىڭئەيىبنامىسىxم

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]60– نومۇرلۇق 

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار مx ، ئەر، ئۇيغۇر، ****–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1330 ********650105، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەب مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايۇنى لىيۇداۋان يولى 999-نومۇر A رايۇنى **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايۇنى لىيۇداۋان يولى 999-نومۇر B رايۇنى **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش قىلمىشىغا چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 2–ئاينىڭ 18–كۈنى جاۋابكار مx نىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 19 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار مx شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايۇنى لىيۇداۋان ‹دۇڭخۇا كۇلى لىجىڭ› ئولتۇراق رايۇنى ئىچىدە گۇۋاھچى د x كە بىر بولاق 46.002 گىرام ناتاشا(ADB-FUBINACA)نى 3000 يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ:

1. ماددىي ئىسپات. زەھەرلىك بۇيۇم سېتىش جەريانىدا ئىشلەتكەن يانفون.

2. يازمىچە ئىسپات. جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى، ئاختۇرۇش خاتىرسى، ج خ ئورگىنىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى تۇتۇپ قېلىش ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالۇنى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك دەللىل-ئىسپاتنى تۇتۇپ قېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرسى، ئېغىرلق ئۆلچەش خاتىرسى، ئايرىپ ئېلىش خاتىرسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم قاتارلىقلار.

3. گۇۋاھچى د x نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.

4. جاۋابكار مx نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.

5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەرلىك بۇيۇمنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ئانالىز قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبېكىتىپ ئەمەلى، پاكىتنى بېكتىشكە يىتەرلىك. جاۋابكار مx  بېكىتىكەن جىنايى پاكىت ۋە ئىسپاتلارغا باشقا پىكرى يوق، شۇنداقلا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار مx دۆلىتىمىزنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇنسىز ھالدا دۆلەت تەرىپىدىن تىزگىلىنىدىغان 1-تۈركۈمدىكى روھىي كېسەللىكلەر دورىسىنى ئېلىپ-ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 4–تارمىقىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك. جاۋابكار مx تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 67-ماددىسى 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار مx ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، بېكىتىلگەن جىنايى پاكىتنى ئېتىراپ قىلىپ جىنايى جازانى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتىگە قول قويغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 15– ماددىسنى تەدبىقلاش كىرەك. شۇڭا جاۋابكار مx نىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 10 ئاي 15 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 1000 يۈەن شىتراف تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمسى

تەپتىش : مىھرىگۈل مىجىت 

                                   سۈبى ھۈسەن

2020–يىلى 6–ئاينىڭ 8–كۈنى

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار مx ھازىر شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا قاماقتا.

2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1 پارچە.

3. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.

4. دىلو دىلو ماتىريالى ئۈچ توپلام  ئەيىبلاشنامە.

5. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ماددى ئىسپات بىر دانە يانفون يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top