欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭزەھەرلىكبۇيۇمئېلىپ-سېتىشدىلوسىنىڭئەيىبنامىسىxس

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020] 82– نومۇرلۇق 

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار سx، ئايال، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:650102********2628، ئۇيغۇر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەب مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونى خېروڭ كوچىسى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆي. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنخۇا جەنۇبى يولى 288-نومۇر 8-بىنا 2-ئىشىك 201-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج  خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئىلشنى تەستىقلىغان، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئىلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 6–ئاينىڭ 18–كۈنى جاۋابكار سxنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:10لەر ئەتراپىدا جىنايەت گۇماندارى س x شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايونى خېروڭ كوچىسى كاڭجۈيۈەن تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئولتۇراق رايونى ‹سەبىبى تۈرلۈك ماللا دۇكىنى› ئىچىدە گۇۋاھچى ر x كە 2 تال 0.14 گىرام دۆلەت تەرىپىدىن تىزگىلىنىدىغان 1-تۈركۈمدىكى روھىي كېسەللىك دورىسى سافېي (丁丙诺啡) نى ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، جىنايەت گۇماندارى س xنىڭ ‹سەبىبى تۈرلۈك ماللار› دۇكىنىنى قانۇنلۇق ئاختۇرۇش ئارقىلىق دۇكىنىدىن 43 تال 3.01 گىرام ئېغىرلىقتىكى دۆلەت تەرىپىدىن تىزگىلىنىدىغان 1-تۈركۈمدىكى روھىي كېسەللىك دورىسى سافېي (丁丙诺啡) نى ئاختۇرپ تېپىلغان.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ:

1. ماددىي ئىسپات. زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش جەريانىدا ئىشلەتكەن يانفون.

ئىككى دانە دېسكا: نەق مەيدان تۇتۇش جەريانى، ئاختۇرۇش جەريانى، ئېغىرلىقنى ئۆلچەش جەريانى، ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانى قاتارلىقلار.

2. يازمىچە ئىسپات. جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى، ئاختۇرۇش خاتىرسى، ج خ ئورگىنىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى تۇتۇپ قېلىش ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالۇنى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك دەللىل-ئىسپاتنى تۇتۇپ قېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرسى، ئېغىرلق ئۆلچەش خاتىرسى، ئايرىپ ئېلىش خاتىرسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم قاتارلىقلار.

3. گۇۋاھچى ر x نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.

4. جاۋابكار س xنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.

5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەرلىك بۇيۇمنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ئانالىز قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار سxدۆلىتىمىزنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇنسىز ھالدا دۆلەت تەرىپىدىن تىزگىلىنىدىغان 1-تۈركۈمدىكى روھىي كېسەللىكلەر دورىسىنى ئېلىپ-ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 4–تارمىقىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك. جاۋابكار سx تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 67-ماددىسى 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمسى

                         تەپتىش: مىھرىگۈل مىجىت

                                  سۈبى ھۈسەن

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 4–كۈنى

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار سxھازىر شەھەرلىك 3-قاماقخانىدا قاماقتا.

2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1 پارچە.

3. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.

4. دىلو دىلو ماتىريالى ئىككى توپلام  ئەيىبلاشنامە.

5. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ماددى ئىسپات بىر دانە يانفون يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top