欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭزەھەرلىكبۇيۇمئېلىپ-سېتىشدىلوسىنىڭئەيىبنامىسىxxئە

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020] 68– نومۇرلۇق 

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئەxx، ئەر، ****–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6510********650102، ئۇيغۇر، ئالىي تېخنىكۇم مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى بەخىت يولى شىمالى **-كوچا **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى داۋان شىمانلىي يولى **-نومۇر يالغۇز بىنا **-ئىشىك **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىشقا چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئىلشنى تەستىقلىغان، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئىلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 3–ئاينىڭ 8–كۈنى جاۋابكار ئەxx نىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋابكار ئەxx شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايۇنى شىنجاڭ جۋېي ئېلىكتىر پەن تېخنىكا سانائەت رايونىدىكى 408-نومۇرلۇق ياتاقتا ت x كە 600 يۈەنگە 6 بولاق 2.613 گىرام يېشىل رەڭلىك گۇمانلىق بۇيۇم (ناتاشا) ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، جاۋابكار ئەxx ئۆزىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ت x كە 400 يۈەنگە 4 بولاق 1.155 گىرام گىرام يېشىل رەڭلىك گۇمانلىق بۇيۇم (ناتاشا) ساتقانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

جاۋابكار ئەxx تۇتۇلغاندىن كىيىن يېنىنى قانۇنلۇق ئاختۇرۇش ئارقىلىق يېنىدىن 6 بولاق 1.871 گىرام گىرام يېشىل رەڭلىك گۇمانلىق بۇيۇم (ناتاشا)، ياتىقىنى قانۇنلۇق ئاختۇرۇش ئارقىلىق ياتىقىدىن 1 بولاق 10.769 گىرام گىرام يېشىل رەڭلىك گۇمانلىق بۇيۇم (ناتاشا) ئاختۇرۇپ تېپىلغان بۇلۇپ، گىرام يېشىل رەڭلىك گۇمانلىق بۇيۇم (ناتاشا)نىڭ ئومومىي ئېغىرلىقى 16.408 گىرام بۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەرلىك بويۇملارنى ئانالىز قىلىش مەركىزى زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش مەركىزىنى (2019) 297-نومۇرلۇق باھالاشنامىسى زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ زەھەر تەركىبى تەكشۈرۈپ چىقىرىلمىغان.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ:

1. ماددىي ئىسپات. زەھەرلىك بۇيۇم سېتىش جەريانىدا ئىشلەتكەن يانفون.

2. يازمىچە ئىسپات. جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى، ئاختۇرۇش خاتىرسى، ج خ ئورگىنىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى تۇتۇپ قېلىش ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالۇنى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك دەللىل-ئىسپاتنى تۇتۇپ قېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرسى، ئېغىرلق ئۆلچەش خاتىرسى، تۇتۇپ قېلىش خاتىرسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم قاتارلىقلار.

3. گۇۋاھچى ت x نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.

4. جاۋابكار ئەxx نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.

5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەرلىك بۇيۇمنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ئانالىز قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئەxx دۆلىتىمىزنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇنسىز زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 4–تارمىقىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك. جاۋابكار ئەxx تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 67-ماددىسى 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار ئەxx زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش مەقسىتىدە يېشىل رەڭلىك گۇمانلىق بۇيۇم (ناتاشا) ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ تەركىبىي چىقمىغان، ئەمەلگە ئاشمىغان جىنايەت بۇيۇم، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 23-ماددىسىنى تەدبىقلاش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمسى

تەپتىش : مىھرىگۈل مىجىت 

                                    سۈبى ھۈسەن

2020–يىلى 6–ئاينىڭ 15–كۈنى

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار ئەxx ھازىر شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.

2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1 پارچە.

3. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.

4. دىلو دىلو ماتىريالى ئۈچ توپلام  ئەيىبلاشنامە.

5. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ماددى ئىسپات بىر دانە يانفون يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top