شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت 2-بۆلۈم ئە [2020] 3–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار دx، ئەر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0639********653130 ، شەھىرىمىز تىيانشان رايونى فۇچۈەن كوچىسى ** چايخانىسىنىڭ ئاشپىزى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسى چارىباغ يېزىسى ئايقوتان كەنتى **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھىرىمىز تىيانشان رايونى شىنسۈي كوچىسى **-نۇمۇر **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كىپىلگە بېرىلگەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى جاۋابكار دx نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 20:26 ئۆتكەندە جاۋابكار دx ئۆزىنىڭ 新A-1DJ99 نومۇرلۇق ئاق رەڭلىك بېيجىڭ شىيەندەي ماركىلىق كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلنى بېكىتىلگەن سۈرئەت ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، گېجىياگۇ شەرقىي يولىدىن غەربكە قاراپ كېتىۋىتىپ، شىنجاڭ داشۆ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئورنىنىڭ يول ئېغىزىنىڭ غەربىگە تەخمىنەن 100 مېتىر كىلىدىغان ئورۇنغا كەلگەندە، ئاپتوموبىل كونتىروللىقىنى يوقۇتۇپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، جاۋابكار دx ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاxنىڭ يارىلىنىشىنى، ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇچى (ئۆلگۈچى) ئاxنىڭ ئاپتوموبىل ئىچىدىن قاڭقىپ چىقىپ نەق مەيداندا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىشنامىسىدا جاۋابكار دx بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن .
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ:
1. باھالاش پىكىرنامىسى : شىنجاڭ قاتناش ھادىسىلىرىنى باھالاش ئورنىنىڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يول قاتناش ھادىسىسى ئىزلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
2. يازما ئىسپات : يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسى، جاۋابكار دxنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئەدىلىيىلىك جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئۆلگۈچىنىڭ رەسىملىك كۆرۈنىشى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش تىزىملاش جەدۋىلى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، نەق مەيدان سۈرىتى ۋە خەرىتىسى، جاۋابكار دxنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ئۆلگۈچى، يارىلانغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى قاتارلىقلار؛
3. گۇۋاھچى خۇxنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
4.زىيانكەشلىككە ئاxنىڭ ئۇچرىغۇچى نىڭ سۆھبەت خاتىرسى؛
5. جاۋابكار دxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى؛
6. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك باشقا دەلىل-ئىسپاتلار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار دx دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جاۋابكار دxنىڭ قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىدىكى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار دx ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار دx جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، ئەيىبلىگەن جىنايى پاكىتقا ئىقرار، جازانى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار دxغا مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىدىن مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسىغىچە بېرىش تەكلىبىنى بېرىمىز. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش: پەرىدە مەمەت
مۇۋەققەت تەپتىش: ئەخمەتجان تۇردى
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئىلاۋە:
1. جاۋابكار دx ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرى: ********189.
2. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىش تەكلىبنامسى.
3. « جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتراپ قىلىش كېپىللىك خېتى » بىر نۇسخا.
4. دىلو ماتىريالى 3 توپلام، ئەيىبنامە بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论