شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا ش ت 1 ئەيىبلىمەسلىك [2020] 29– نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر****، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى**-ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نومۇرى:654101********2197X، يەككە تىجارەتچى، غۇلجا شەھەر *** كوچىسى***-كوچا ***-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
ئەيىبلەنمىگۈچى تىلگىراف ئالدامچىلىق قىلمىشى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى10-ئاينىڭ 9-كۈنى ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تورغا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىپ، شۇ كۈنى غۇلجا شەھرىدە تۇتۇلۇپ، شۇ كۈنى غۇلجا شەھەرلىك قاماقخانىگە ۋاقىتلىق توختۇتۇلغان، 2019-يىلى10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك قاماقخانىگە جىنايى ئىشلار بويىنچە توختۇتۇلغان، 2019-يىلى11- ئاينىڭ 5-كۈنى ئائىلىسىگە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020-يىلى7- ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كىپىللىككە بىرىلگەن،
ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ]2020[ 70-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر*****ىڭ ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىنى مەھكىمىمىز 2020–يىلى7-ئاينىڭ 8-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،«جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىللىرىگە ئاساسەن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىغىنى يەتكۇزدۇق ھەم قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، نوۋەتچى ئادۋۇكاتى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش ئېتىراپنامىسىنى يەتتكۈزدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى كۆرۈپ چىقىپ بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى قىلمىش سادىىر قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر**** 2019-يىلى4-ئاينىڭ باشلىرى(ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئۆزىنىڭ ****02 نۇمۇرلۇق ئۈندىدارنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە قول تىلفۇن، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، ئىككى چاقلىق، ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتلارنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ ئەرزان باھادا ساتىمەن ھەم تۆۋەن ئۆسۈمدە قەرىز بىجىرەلەيمەن، پۇت ھوردىقى ئۈسكىنىسى ساتىمەن دەپ ئۆزىنىڭ ئىككىلىك كوروت نۇمۇرى بلەن بىرگە ئېلان چىقىرىپ قويغان، 2019-يىلى4-ئاينىڭ 9-كۈنى زىيانلانغۇچى ھۆ***ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويغان ئىلاننى كۆرۈپ، ئۈچ چاقلىق توكلۇق ھارۋىدىن بىرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئىككىلىك كوروت نۇمۇرىنى ئۆزىنىڭ wxid-h*******22 نۇمۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق سىكانىرلاپ قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارىنى قېتىپ، ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ ئۆزىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكلۇق ھارۋا سېتىۋىلىدىغانلىقىنى دىگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ خەجلەش نىيىتىگە كىلىپ، ئۆزىنى ئۈرۈمچىدە مايلىق، توكلۇق موتو سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ئىسمىم ئىر***** دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۈچ چاقلىق توكلۇق ھارۋىدىن بىرنى 1000 يۈەنگە دىيىشكەن، شۇ كۈنى زىيانلانغۇچى 1000 يۈەن پۇلنى ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئۈندىدارىغا بىر قېتىمدا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن شۇ كۈنى زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردىن يۇيۋىتىپ، ئالداپ ئالغان 1000 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق قىزىل بولاق شەكلىدە خەجلەپ تۈگەتكەن، 1000 يۈەن ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى.
2019-يىلى4-ئاينىڭ 4-كۈنى زىيانلانغۇچى قۇ***** ئۈندىدار ئويناۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سالۇنىدا ئۈندىدار نۇمۇرى er******* نۇمۇرلۇق ئۈندىداردىكى ئىسمى 伊**** ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ قەرىز بىجىرىش توغرىسىدا چىقىرىپ قويغان ئىلانىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ wxid-*****vy2ot022 نۇمۇرلۇق ئۈندىدار نۇمۇرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قېتىپ، ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ ئۆزىنىڭ 5000 يۈەن قەرىز بىجىرىدىغانلىقىنى ئېيىتقاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى زىيانلانغۇچىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ خەجلەش نىيىتىگە كىلىپ، 12 سائەت ئىچىدە 5000 يۈەن قەرىزنى بىجىرىپ بىرەلەيمەن، ئالدىن رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 500 يۈەن تۆلەيسىز، سىز بانكا كارتىڭىزنى، كىملىك گۇۋاھنامىڭىزنى رەسىمگە تارتىپ تىلفۇن نۇمۇرىڭىز بىلەن بىرگە ئۈندىدارىمغا ئەۋەتىپ بىرىڭ دىگەن، زىيانلانغۇچى ماقۇل بۇلۇپ قارشى تەرەپ دىگەن بويىنچە ئۈندىدارغا ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن 500 يۈەننى ئۈندىدارىغا بىر قېتىمدا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن شۇ كۈنى زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردىن يۇيۋىتىپ، ئالداپ ئالغان 500 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق قىزىل بولاق شەكلىدە خەجلەپ تۈگەتكەن، 500 يۈەن ئەسلىگە كىلىپ، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى.
2019-يىلى4-ئاينىڭ 1-كۈنى زىيانلانغۇچى بۇ***** ئۈندىدار ئويناۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە ئۈندىدار نۇمۇرى***2eنۇمۇرلۇق بىرەيلەننىڭ توكلۇق موتسىكىلىتنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپ بىلەن دوسلار چەمبىرىكىدە پاراڭلىشىپ، توكسىكىلىتنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى، سورىغان، قارشى تەرەپ زىيانلانغۇچىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىش نىيىتىگە كىلىپ، رەسمىيەتلىرى تولۇق، زاۋۇتتىن ئەۋەتىمىز دىگەن، زىيانلانغۇچى قانچە پۇللىقىنى سورىغاندا ئەيىبلەنمىگۈچى 890 يۈەن دىگەن، ئاندىن زىيانلانغۇچى ئۆزىنىڭ AK*****1314 نۇمۇرلۇق ئۈندىدار نۇمۇرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى قېتىپ 890 يۈەننى ئۈندىدارىغا بىر قېتىمدا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېىلپ ئىككى كۈندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردىن يۇيۋىتىپ، ئالداپ ئالغان 890 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق قىزىل بولاق شەكلىدە خەجلەپ تۈگەتكەن، 890 يۈەن ئەسلىگە كىلىپ، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى.
2019-يىلى4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر******، زىيانلانغۇچى گۇ******نى ئۈندىداردا قاتقان، زىيانلانغۇچى ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە بالىلارنىڭ ئۇيانچۇقلىرىنىڭ، ئىككى چاقلىق، ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتلارنىىڭ، قول تىلفۇنلارنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ ئەرزان باھادا ساتىمەن دەپ ئىلان چىقىرىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئالماX تىپلىق قول تىلفۇندىن بىرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئەيىبلەنمىگۈچى بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ قانچە پۇل دىگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى 899 يۈەن دەپ ئىككىسى پۈتۈشۈپ، زىيانلانغۇچى ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ******نۇمۇرلۇق ئۈندىدارىغا شۇ كۈنى399 يۈەننى ئېتىپ بەرگەن، ئىككىنجى قېتىم 2019-يىلى4-ئاينىڭ 17-كۈنى500 يۈەننى ئېتىپ بەرگەندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى تىلفۇننى تىز يوللانمىدىن سېلىپ بىرەي، تالۇننى ئەتە ئەتتىگەندە يوللاپ بىرەي دەپ ئالداپ قويۇپ، ئەتىسى زىيانلانغۇچىنى ئۈندىداردىن يۇيۋىتىپ يۇقارقى ئالداپ ئالغان 899 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق قىزىل بولاق شەكلىدە خەجلەپ تۈگەتكەن، 899 يۈەن ئەسلىگە كىلىپ، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى.
2019-يىلى4-ئايلار مەزگىلى زىيانلانغۇچى نۇ***** ئۈندىدار ئويناۋېتىپ ئۆزىنىڭ nu***** نۇمۇرلۇق ئۈندىدارىنىڭ بىر سودا توپىدا ئۈندىدار نۇمۇرى 102er****نۇمۇرلۇق بىرەيلەننىڭ پۇت ھوردىقى ئۈسكۈنىسى ساتىمەن دەپ چىقىرىپ قويغان ئىلاننى كۆرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارىنى قېتىپ، ئۈندىدار ئارقىلىق پاراڭلىشىپ، قارشى تەرەپكە پۇت ھوردىقى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېيىتقاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى زىيانلانغۇچىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ خەجلەش نىيىتىگە كىلىپ، بىر دانە پۇت ھوردىقى ئۈسكىنىسى40 يۈەن دىگەن، زىيانلانغۇچى بەش دانە پۇت ھوردىقى ئۈسكىنىسىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئۈندىدارىغا تۆت قېتىمدا 200 يۈەننى قىزىل بولاق قىلىپ ئېتىپ بەرگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنى ئۈندىدارىدىن يۇيۋىتىپ، ئالداپ ئالغان 200 يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىنىڭ قىزىل بولىقىدا خەجلەپ تۈگەتكەن، 200 يۈەن ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دىلىل-ئىسپاتى تۇلۇق بۇلۇپ، يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۇۋەندىكىچە:
1-يازما ئىسپات، 2.زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، 3. گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىقى، 4. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، 5- ئېنىقلاش-تەكسۇرۇش خاتىرسى قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى،دېلو پاكىتىنى بېكتىشكە يېتەرلىك ئاساس بۇلالايدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر*** جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى قوبۇل قىلدى.
مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر**** ئۇزى يالغۇز يۇقارقى بەش قېتىملىق تىلگىراف ئالدامچىلىق دىلولىرىنى سادىر قىلىپ جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان ھەم باشقىلارغا 3489 يۈەن زىيان سالغان، زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلدى. ئەيىبلەنمىگۈچى ئى*****نىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلىقى،زىيانلانغۇچىلنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەنلىگى، ئالدامچىلىق قىلمىشىنىڭ سوممىسىنىڭ تۇۋەنلىگى، زىياننىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىگى قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۇرۇرىيتى يوق دەپ قاراپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىر***** ئۈستىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ، ياكى ئىلتىماس ئەرز قىلماي، بىۋاستە ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى7-ئاينىڭ 30-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论