كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك ت 1-بۈلۈم ج ئەيىبلىمەسلىك (2021) 2-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى م**، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى4-ئاينىڭ 10- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:**65292919830410، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **- گورۇپ **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان.خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى م**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2021- يىلى2- ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،ئەيىبلەنمگۈچىدىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: ئەيىبلەنمىگۈچى م** 2020- يىلى 12-ئاينىڭ 27- كۈنى كەچتە ئە**، ئە** قاتارلىق دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 2020-يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 02 دىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ **新N نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، گ** بازىرى ** كەنتى ** يولىنى بويلاپ شەرقىتىن غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، ** يولىدىكى **- نۇمۇرلۇق سۇ تارتىش قۇدۇقى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان. قانۇن تەرتىپ بويىنچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 108 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات 2.ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ سۇئال سوراش خاتىرىسى 3.باھالاشنامە 4.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز،ئەيىبلەنمىگۈچى م** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، ئاپتۇموبىل ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.ئەمما جىنايى قىلمىشىنى راستلىق بىلەن ئىقرار قىلىپ،جىنايىتىگە تۆۋە قىلىدۇ، ئېغىر جازا بىرىلىدىغان ئەھۋال يوق،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،قىلمىشى يىنىك،جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۈرۈريىتى يوق دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177- ماددا 2- تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە،م**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز سۇنسا بۇلىدۇ.
2021-يىلى2-ئاينىڭ 10-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论