欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(买某某危险驾驶案)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ب ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)15 –نۇمۇرلۇق

      ئەيىبلەنمىگۈچى م****، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 65292619**********، باي ناھىيە *** يېزا *** مەھەللە كەنت **-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،  باي ناھىيە ***** توختاملىق ئىشچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى كىپىلگە بېرىلگەن.

باي ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى **-ئاينىڭ 4-كۈنى (2020) 86-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۋېلىپ، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سوئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ئاڭلىدى، نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 2020-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى سائەت 2دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەن ئەتىراپىدا ، ئەيىبلەنمىگۈچى م** ھاراق ئىچىپ باي ناھىيە **** بازىرى تىلىگىراف پونىكىتىنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يۇلغا توختىتىپ قويغان 新N5X*** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇمبىلنى يۆتكەش ئۈچۈن ئارقىغا ياندۇرۇش جەريانىدا ،پىيادىلەر يولدىكى تاشقا ئۈستۈرۈپ قويغاندىن كىيىن ئاپتۇمبىلنى يەنە ئالدىغا ھەيدەپ ئەسلى ئورنىغا توختىتىپ قويغان، ھەمدە شۇ يول بۆلكىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقىچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ  (2020) 4125-نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە « م** قان سۇيۇقلىقىدا ئالكوگۇل بايقالدى، ھەر 100مىللىلتىر قاندىكى ئالكوگىل مىقدارى 104 مىللگىرام » دىيلگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.

مەھكىممىز، ئەيىبلەنمىگۈچى مە****نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم راست، بىكتىشكە بولىدۇ، لىكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 34(2019)- نۇمۇرلۇق « شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتۇموبىل ھەيدىگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرىش خىزمەت كۆرسەتمىسى (سناق نۇسخىسى ) » نىڭ 9-ماددا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ67 -ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگلىمىسىگە ئاساسەن،  ئەيىبلەنمىگۈچى مە****نىڭ جىنايەت قىلمىشى يىنىك، جىنايتىنى تۇنۇش پوزىتىسىيسى ياخشى، جىنايەت قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى خەۋىپى چوڭ ئەمەس دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن م*****نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى .

ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

  باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى **-ئاينىڭ 13-كۈنى

ئەسكەرتىش:

مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى ئەيىبلەنمىگۈچىگە، ج خ ئىدارىسىغا، ئەيىبلەنمىگۈچى خىزمەت ئورنىغا بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈلىدۇ.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top