欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(亚某某涉嫌危险驾驶案

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ت ج ئەيىبلىمەسلىك(2021)1– نۇمۇرلۇق

   ئەيىپلەنمىگۈچى ي**، ئەر،  ئۇيغۇر، **ياش، ****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:0732********652925، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە پ** يېزا ن** كەنىت **- گورۇپ ***- نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى  توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ي**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 15- كۈنى (2021) 31-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى ، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى .

مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.

ي** 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 00:30 ئەتىراپىدا، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار ئىناق ماكان ئولتۇراق رايونى ئالدىدىكى «فۇخو» دىسكوخانىسىدا باشقىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ، سائەت 03:00 ئەتىراپىدا دىسكوخانىدىن يېنىپ چىقىپ، ئىناق ماكان ئولتۇراق رايونى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新N3484F نۇمۇرلۇق كىچىك ماشىنىنى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ، ئىناق ماكان ئولتۇراق رايونى كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا ماشىننى توختۇتۇپ تۇرغاندا، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەتىرىتى ساقچىلىرى  ياسىن زىياۋدۇن ھەيدىگەن ماشىننى تەكشۈرۈش جەريانىدا ، ي**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ ، نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، ي**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] 5916- نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدە؛ ي**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ 104 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

  يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، باھالاشنامە ، ئۈن-سىن ماتىريالى، ي**نىڭ  ئىقرارى قاتارلىقلار بار. 

يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ . 

مەھكىممىز؛ ئەيىبلەنمىگۈچى ي**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش بەلگىلىمىللىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى ي** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان ، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇدۇ، باشقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى ي**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى ، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ (2019)34- نۇمۇرلۇق « شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى ( سىناق نۇسخا) نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ياسىن زىياۋدۇننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .

ئەيىبلەنمىگۈچى ي** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .

توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top