شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ت ج ئەيىبلىمەسلىك (2020)8– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ئى** ، ئەر، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1579********652925 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان ، ت**ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە ت** يېزا ئا** كەنت **- گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018 – يىلى8-ئاينىڭ 31-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 2019- يىلى 8-ئاينىڭ 30- كۈنى كېپىللىك مۇدىتى توشقانلىقتىن كېپىللىكتىن بىكار قىلىنىپ 2019- يىلى 8-ئاينىڭ 30- كۈنى تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان .
ئى**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10- كۈنى (2019)142-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى ، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى .
مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.
ئى** 2017- يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 1 ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە تامتوغراق يېزا يېڭئېرىق كەنت 3- گوروپ تەۋەسىدىكى بېلىق كۈلىدە ي** قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن چىقىپ ، بېلىق كۈلىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان新NU9773نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، ماشىنىغا ي**قاتارلىقلارنى چىقىرىپ ، توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق يېزا ئاقتىكەن كەنت مەھەللە كومتىتىنىڭ ئالدىغا ي**قاتارلىقلارنى ئەكىلىپ قۇيۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ، غەرىپتىن شەرىققە يۈنىلىش بۇيىچە يول يۈرۈپ، توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق يېزا ئاقتىكەن كەنت 2- گوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە، ماشىنىسى پېتىپ قالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئى** ماشىنىسىدا ئۇخلاپ قالغان . شۇنىڭدىن كىيىن شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ئى** ھەيدىگەن ماشىننى تەكشۈرۈش جەريانىدا ، ئەيىپلەنمىگۈچى ئى**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، ئى**نى توقسۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2017)7169-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ؛ ئى**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 107مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە ، ئۈن-سىن ماتىريالى، ئىمام ئابلىزنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
مەھكىممىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئى**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش بەلگىلىمىللىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ133- 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى ئى** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان ، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇدۇ، باشقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى ئى**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ (2019)34- نۇمۇرلۇق « شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى ( سىناق نۇسخا) نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئى**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .
ئەيىبلەنمىگۈچى ئى** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .
توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论