欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(伊某某盗窃案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                     

        ئۈ ت ت 1-بۆلۈم ج ئەيىبلىمەسلىك2021﹞4–نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ئى****، ئەر، ئويغۇر، 1997–يىلى *–ئاينىڭ **–كۈنى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6541261997، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسىپى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ مۇڭغۇلكۆرە ناھىيسى **** يېزىسى *** يولى ***-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى *** يولى ***-نۇمۇر. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ئى****نىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2021-يىلى 2–ئاينىڭ 2-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

ئەيىبلەنمىگۈچى ئى**** شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى سەنتەي يولى ***-نۇمۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتىدا ئىشلەش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دىل***نىڭ ئۈندىدار پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرىنى كۆرىۋېلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈندىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دىل*** ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈندىدار پۇل تۆلەش ئىككىلىك كودىنى سىكانىرلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق دىل***نىڭ ئۈندىدارىدىن بەش قېتىمدا جەمئى 3800 يۈەن پۇلنى ئوغرىلىۋالغان، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئى**** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى، ئەيىبلەنمىگۈچى ئى****نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ئى****نىڭ باشقىلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۆلىكىنى ئوغرىلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. لىكىن دېلو ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئى****نىڭ سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يىنىك بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئەپۇ قىلىشقا ئېرىشكەن، دېلوغا كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە، ئى****غا جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسى ۋە 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئى****نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ. 

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top