شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 15-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئىxx، ئەر، ئۇيغۇر، 26 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011993xxxxxxxx، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى : ئاقسۇ شەھرى، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xx- كەنىت xx- گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، كەسىپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى (2020) 453-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئxx 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 01:40 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەر xx رايونى ساقچىخانىسىنىڭ يېنىغا توختىتىپ قويغان N2xxxx 新 نۇمۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ 300 مىتىردەك ماڭغاندىن كىيىن شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 88.55 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق دەلىل ئىسپات تۇلۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىxx ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئxxنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك،بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئىxxنىڭ جىنايىتى يىنىك، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەن. شۇڭا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى قاھار سىدىقنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论