欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(加某某盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-23 独角龙 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2021〕21号 

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                       ئۇ ت جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك (2021)  21-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ج x، ئايال، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، ساۋادسىز، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ج xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى ج x 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 ئەتراپىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تx (xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە) نىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىپ بېرىپ، ئۆيدە ئادەم يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە قۇلۇپ سېلىنمىغان ئۆينىڭ ئىشىكى ئاركىلىق ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ، نەرسە كىرەك قويىدىغان ئۆيدىكى يوتقاننىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان xخۇرۇم سومكىدىكى 5000 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن. 

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى ج x يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

بۇ ھەقتە پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ج xنىڭ قىلمىشى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان، ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى ئوغرىلىغان پۇلنىڭ سوممىسى بىر قەدەر تۆۋەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىياننى تولۇق قايتۇردى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، يىغىنچاقلىغاندا، ئەيىبلەنمىگۈچى ج xنىڭ قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يىنىك بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددسىغا ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى. 

 تەرەپلەر بۇ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.  

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top