شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ئە ق (2020) 6-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى: بۇXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:4217 *******65212219، پىچان ناھىيە ** ئولتۇراق رايونى **- بىنا **- كورپۇس **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئاشپەز، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى بۇXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىگە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019- يىلى 03- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 08 دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئەيىبلەنمىگۈچى بۇXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ( ئاخشىمى ئىچىپ، ئەتىسى ھەيدىگەن )، 新K**88 نومۇرلۇق، « ** » ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، شەرىقتىن- غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** لىنىيە ** كلومىتىر +** مېتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ماشىنا كونتىروللىقىنى يۇقىتىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
شىنجاڭ خېڭجىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ( 2019 ) 1622- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسىسىدە: « ئەيىپلەنمىگۈچى بۇXXنىڭ قىنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml90.94 » دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى بۇرھان ئوسماننىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىدە بەلگىلەنگەن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن ئەيىبلەنمىگۈچى بۇXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ دېلوغا ھازىر بولغاندىن كېيىنكى پوزىتسىيىسى ياخشى، جەمئىيەتكە بولغان خەۋپى ئېغىر ئەمەس بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەم ئەھۋالغا قاراپ يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، ئەيىبلەنمىگۈچى بۇXXنىڭ قىلمىشى يېنىك بولۇپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 37- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 177- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەگەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论