ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئى ر ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) - نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى گۈل xx،ئايال،ئۇيغۇر،1991-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 1991**********652101؛ نۇپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى **** رايونى **** بازىرى ****كەنتى **-گۇرۇپپا ****-نۇمۇرلۇق ئۆي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان،ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2019-يىلى 01-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.2020- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قايتا كىپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى گۈل xxنىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانون بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىىلمىسىنى قوللانسا كىلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،ئەيىبلەنمىگۈچى گۈل xx بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى قانۇن بويىچە 15 كۈن ئۇزارتىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن دىلو پاكىتى تۆۋەندىكىچە :
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەيىپلەنمىگۈچى گۈل xx ئۆزى بىلەن تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى « سۇمرۇق شەھەرچىسى» نىڭ شەرقىگە جايلاشقان تۇقۇمىچىلىق رايونىدا قوغداش خادىمى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان ھەمدە شۇ يەردە بىر ياتاقتا يېتىۋاتقان خىزمەتدىشى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئىززەتگۈل جىلىلنىڭ ياتاقتىكى كارۋىتىغا قويۇپ قويغان يان تېلېفۇنىنىڭ ئۈندىدارىنى ئېچىپ، شۇ يان تېلفۇنىنىڭ ئىچىگە رەسىمگە تارتىپ ساقلاپ قويغان كىملىك بىلەن بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق،ئۈندىدار پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرىنى قايتا بېكىتىپ،زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئى xxنىڭ ئۈندىدارىغا بېرىكتۈرگەن 621700460******** نۇمۇرلۇق جۇڭگو قۇرلۇش بانكا كارتىسىدىن 3000 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ، پۇل يۆتكىگەن ئۇچۇرلارنى ئۈچۈرۋىتىپ،3000 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگۈتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كېيىن ئەيىپلەنمىگۈچى گۈلنار توختى زىيانلانغۇچىغا 3000 يۈەن تۆلەپ بەرگەن.
يۇقارقى دىلو پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، بانكا ھىساپ تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى گۈل xxنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىدىدە باشقىلارنىڭ پۇلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. لىكىن، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا ئاكتىبلىق بىلەن 3000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى ئېتراپ قىلىپ، جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۆۋىنامە يازغان. شۇڭا، ئەيىبلەنمىگۈچى گۈل xxنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 177- ماددىسى 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانغا ئۇچرىغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论