شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 58-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى تۇXX ، ئەر، ئۇيغۇر، 32 ياش، كملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529011987، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى:ئاقسۇ شەھەر ، ئولتۇرقى : ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX-كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، دېھقان، پارتىيە ئەزاسى ،ئىلگىرى جازالانمغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى تۇXXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى (2020) 23-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى تۇ - 2019XXيىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 22:00 لەردە ئاقسۇ شەھەر XX يېزا دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئاچچىق كاۋاپخانىدا ئولتۇرۇپ ئاق ھاراق ئىچكەن ،12-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 01:43 لەردە ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان 新NXXXX9نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX-كەنت كومتېتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ، تەكشۈرگەندە 100 مىللىلىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 97.89 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان .
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى تۇXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق دەلىل ئىسپات تۇلۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇXX ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇXXنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى تۇXXنىڭ جىنايىتى يىنىك، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەن شۇڭا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى تۇXXنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ.
تەپتىش: ئايچولپان ئېزىز
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论