شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ب ت ج ئى ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2021) 08–نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى تۇ*****، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 65292619*********، باي ناھىيە *** بازىرى ** كەنت **-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
باي ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (2021) 66-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۋېلىپ، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سوئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ئاڭلىدى، نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 2020-يىلى12-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 6 لەر ئەتىراپىدا ، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇ***** ئۆزىنىڭ نامىدىكى ۋە ئىگىدارلىقىدىكى 新N***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى مىنىبوس ئاپتۇموبىلنى ھاراق ئىچىپ باي *** بازىرى *** كەنت **-گۇرۇپ تەۋەلىكىدىكى دۆلەت يولى G579 –لىنىيىسى بويلاپ جەنۇپتىن –شىمالغا قاراپ تەخمىنەن بىر كىلومېتىر ھەيدە ماڭغاندىن كىيىن ، شۇ ئورۇندا ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ساقىچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2021) 0008-نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە « تۇ*******نىڭ قان سۇيۇقلىقىدا ئالكوگۇل بايقالدى، ھەر 100مىللىلتىر قاندىكى ئالكوگىل مىقدارى 126.38 مىللگىرام » دىيلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ،كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىممىز، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇ******نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلمىسى بويىچە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم راست، بىكتىشكە بولىدۇ، لىكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 34(2019)- نۇمۇرلۇق « شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتۇموبىل ھەيدىگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرىش خىزمەت كۆرسەتمىسى (سناق نۇسخىسى ) » نىڭ 10-ماددا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67 -ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇ*******نىڭ جىنايەت قىلمىشى يىنىك، جىنايتىنى تۇنۇش پوزىتىسىيسى ياخشى، جىنايەت قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى خەۋىپى چوڭ ئەمەس دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۇراخۇن ھېلىكنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى .
ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئىلتىماس ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
ئەسكەرتىش:
مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى ئەيىبلەنمىگۈچىگە، ج خ ئىدارىسىغا، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇرۇشلۇق ئورنىغا بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈلىدۇ.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论