欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(图某某交通肇事案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-24 独角龙 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2021〕12号 

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                       ئۇ ت جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك (2021) 12-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ت x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ت xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى ت x 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:25 ئەتىراپىدا ئۆزىنىڭ  新xنومۇرلۇق يىنىك تىپتىكى يۈك ئاپتۇموبىلىنى xيېزا x-كەنىت x-مەھەللىدىكى يولدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسغا ئەكىرىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى ئالدى-ئارقىغا ھەيدەپ مېڭىش جەريانىدا، ئاپتۇموبىلنىڭ سول تەرىپىدە تۇرغان زىيانلانغۇچى يەنى قىزى ش x (x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان) نى سۇقۇۋەتكەن، نەتىجىدە ش x قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. 

يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا، ت x پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ش x ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن. 

قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، باھالانغۇچى ش x قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن چوقا مېڭىسى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن كىلىدۇ دەپ بىكىتكەن. 

ھادىسىدىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى ت x كەنت ساقچىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان. 

زىيانلانغۇچى شxنىڭ ئاپىسى خx ئەيىبلەنمىگۈچى ت x ئۈستىدە دەۋاسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى ت x يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

بۇ ھەقتە پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ت xنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدا ماشىنا ھەيدەپ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى ت x ھادىسە سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنت ساقچىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 67-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىش كېرەك. ئەيىبلەنمىگۈچى ت xنىڭ زىيانلانغۇچى تەرەپ بىلەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكى، دېلونىڭ ھەق تەلەپ داۋاسى يوقلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقى، ھادىسە سادىر قىلغاندىن كېيىن قىلمىشىنى مەلۇم قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپنى نەزەرگە ئېلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددسىغا ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى. 

 تەرەپلەر بۇ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.  

  

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top