欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(图某某的危险驾驶罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2020〕8号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبلىماسلىق (2019)  8-نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى تۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652927xx036، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى تۇxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى تۇxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21:30 ئەتىراپىدا ئوتبىشى يىزا بازىرىدا ئەxx، تۇxx، يۈxx قاتارلىقلار بىلەن پىۋا، قىزىل ھاراق ئىچىپ، ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ xxنومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ ئارقىسغا تۇxxنى مىندۈرۈپ، مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىپ، ئوتبىشى يىزا خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان. ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيلىك باھالاش دوكلاتىدا « ئەيىبلەنمىگۈچى تۇxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 96.66 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات،  گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى تۇxxنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئىچكەن ھاراقنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بۇلۇپ، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى 110 مىللىگىرامدىن تۆۋەن، ھادىسە تۇغدۇرمىغان، ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىدى، شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلدى. 

ئەگەر تەرەپلەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ئەرز قىلسا بۇلىدۇ.

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top