欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(外某某强迫交易案)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                                  ئى ر ت 1-ب  ئەيىبلىمەسلىك (2120) 2- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ۋXX، ئەر، ئۇيغۇر،  36 ياش،1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6521011983********، ئىدىقۇت رايونى  ** يولى ** يولى **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. تۇلۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. كەسپى يەككە تىجارەتچى، سىياسىي قىياپىتى: ئامما، بۇرۇن جازالانمىغان. سودىدا مەجبورلاش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىدارىمىز تەرىپىدىن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى جىنايى ئىشلار سۈپىتىدە توختىتىپ قويۇلغان. مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قاراىغا ئاساسەن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بېرىلگەن. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىلگە بېرىلگەن. 

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ۋXXنىڭ سودىدا مەجبورلاش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10- ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،  ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانون بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانون بويىچە سوئال سورىدۇق،  ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق. 

ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان پاكىت تۆۋەندىكىچە : 

   2013-يىلى 6-ئايلا مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى مXX 500كۇۋادارت مىتىر چوڭلۇقىتىكى قوتان سىلىپ غXXكە 113000(ئون بىر تۈمەن ئۈچ مىڭ)يۈەن قەرز بۇلۇپ قالغان،ئەيىبلەنمىگۈچى ۋXX مXXنىڭ غXXكە 113000(ئون بىر تۈمەن ئۈچ مىڭ)يۈەن قەرز بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن پۇل تىپىش مەقسىتىدە غXXنىڭ قەرزدارلىق ھۆججىتىنى ئۆزىنىڭ نامىغا يۈتكەپ  2014-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە ۋXX، ئىنىسى ئەXX، ئەXX، ئاXX قاتارلىقلارنى باشلاپ مXXنىڭ **يېزا** كەنت **-گۇرۇپپىدىكى ئۆيىگە قەرز سۈيلەپ بېرىپ مXXدىن 7000يۈەن پۇلنى ئىلۋالغان . 2014-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە(بىرىنچى قىتىم قەرز سۈيلەپ بېرىپ ئىككىنچى كۈنىسى) ۋXX، ئەXX قاتارلىقلارنى باشلاپ مXXنىڭ ئۆيىگە قەرز سۈيلەپ بېرىپ مXXدىن 5000يۈەن پۇلنى ئىلۋالغان،2014-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە ئەيىبلەنمىگۈچى ۋXX  ،ئىنىسى ئەXX،ئەXX، ئاXX قاتارلىقلارنى باشلاپ  مXXنىڭ**يېزا ** كەنت **-گۇرۇپپىدىكى ئۆيىگە بېرىپ مXXنى مەجىبۇرى ھالدا ماشىنسىغا سىلىپ ئىدىقۇت رايون ** يۇلىدىكى ** مېھمانخانسىغا ئىلىپ كىلىپ  قەرز قايتۇرۇشقا قىستاپ بەش كۈن نەزەربەنت قىلغان ،ھەمدە 197000يۈەن قىممىتىدىكى 500كۇۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى قوتان ،160000يۈەن قىممىتىدىكى 80مو كۆلەمدىكى ئاق يەر ۋە بىردانە سۇ قۇدۇقىنى ج**ىغا 150000يۈەنگە سىتىپ، قەرز قايتۇرمىسا ياتاقتىن چىقىپ كىتەلمەيسەن دەپ مەجبورلىغان ،زىيانلانغۇچى مXX ئامالسىزلىقتىن 80مو ئاق يەر ،500كۇۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى قوتان ۋە سۇ قۇدىقىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقوقىنى ئىگىدارلىق ھوقوقىنى جا**غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىك ھەمدە بۇ 150000يۈەن پۇلنى نەق مەيداندا ئالغانلىق تۇغۇلۇرلۇق ھۆججەت يېزىپ بەرگەن،ئەيىبلەنمىگۈچى ۋXX جاXX،ئەXX قاتارلىقلار بىلەن ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ يۇقارقى مXXنىڭ سىتىلغان يەرلېرىنى ھەر بىر ئادەم50000 يۈەندىن پۇل چىقىرىپ سىتىۋالماقچى بۇلۇپ مەسلىھەتلىشىپ جاXX ،ئەXX ھەر بىرسى 50000يۈەن پۇل چىقارغان ۋاقىتتا ئەيىبلەنمىگۈچى ۋXX بۇ پۇللارنى زىيانلانغۇچى مXXنىڭ قەرزىگە ئۇدۇللاپ ئېلىۋالدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ 100000يۈەن نەق پۇلنى ئىلۋالغان. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى ۋXXنىڭ  سودىدا مەجبورلاش جىنايى قىلمىشى جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىت چېكىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا، ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 16-ماددىسى 1-تۈرى ۋە 177-ماددىسى 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق.  

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ. 

زىيانغا ئۇچرىغۇچىىلار مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2021-يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top