توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
تۇقسۇ تەپتىش جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلىمەسلىك (2020)9 – نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۇچى ئو**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نومۇرى: 0814** 652822. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى ۋە ئۇلتۇرغى: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئو**نى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 49-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئو** 2019-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 21:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا بۈگۈر ناھىيە بازار ئىچىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا قۇربان مەمەت قاتارلىقلار بىلەن بىر بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن تاكسىدا ئۆيىگە قايتقان، 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا قۇربان راخماننىڭ 新MH2924 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا ئو**، قاسىم ئابدۇل، تۇردى مەمەت، مەمەت ھامۇت قاتارلىقلار ئولتۇرۇپ توقسۇ ناھىيسىگە بېرىش ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يول يۈرۈپ كۇچار ناھىيە لاباكۇغا كەلگەندە، يۇقرى سۈرئەتلىك يولدىن چۈشۈپ قۇربان راخمان بىلەن ئو** ئالماشقان، 新MH2924 نۇمۇرلۇق ماشىننى ئو** ھەيدەپ شەرقتىن غەربكە يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ توقسۇ ناھىيە يانداق ئامانلىق تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى 新MH2924 نۇمۇرلۇق ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھەيدىگۈچى ئو**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 9285-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ئو**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 81 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، ئو** بۇ باھالاش پىكىرنامىسىگە قايىل بولماي قايتا باھالىتىشقا ئىلتىماس سۇنغان، شىنجاڭ خۇاتوڭ ماددىي ئىسپاتلارنى ئەدىليەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 8397-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ئو**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 82.09 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
مەھكىممىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئۇ**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش توغىرسىدىكى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلمىللىرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىلىندۇ. بىراق ئۇ** تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىگە ھەقىقىي تۆۋا قىلىپ، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلدىغان باشقا ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئۇ**نى كەڭچىلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇڭا شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ (2019)34-نۇمۇرلۇق « شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكرى (سىناق نۇسقا)» نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى،«جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى»نىڭ 177- ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۇ**نى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ قايتا قاراپ چىقىشغا سۇنسا بولىدۇ.
ئەيىپلەنمىگۇچى بۇ قارارغا قايىل بۇلمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى بەرسە بۇلىدۇ.
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论