欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(存疑不起诉适用)(艾某某贪污案)

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                           شايار ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 57 -نۇمۇرلۇق      

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى11XXXXXXXX65292419، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شايار ناھىيە XX يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ كادىرى، شايار ناھىيە XX يېزا XX كەنت 3-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە ئاساسەن 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرلىگەن.

مەھكىمە پارىخۇرلۇققا-خيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى جىنايەت گۇماندارى تۇXX (ئايرىم بىر تەرەپ قىلندى)، ئەXX، ئەXX (ئايرىم بىر تەرەپ قىلندى) لارنىڭ جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى (2015) 5-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق بۆلىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. بۈلۈمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ۋاقتى ئىچىدە ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى. ئەيىبلەنمىگۈچى سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى. دىلو ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلۇپ، بېجىرىش سۈرۈكى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلىدى.

مەھكىمە پارىخۇرلۇققا-خيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى بىكىتكەن پاكىت: 

XX يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ باشلىقى تۇXXنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن XX يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ كادىرى ئەXX بىلەن XX يېزا XX كەنتنىڭ سۇغا مەسئۇل مۇئاۋىن كەنت مۇدىرى ئەXX دىھقان كىXXدىن 2013-يىللىق سۇ پۇلىغا قارىتا ئالغان 5000 يۈەننى ھىساپقا كىرىم قىلماي، بۇ سۇ پۇلىغا قوي سېتىۋېلىپ، تۇXX بەلگىلەپ بەرگەن پىرىپات باشقۇرغۇچىلارغا سوۋغا قىلغان. يىل ئاخىرىدا ئەXX بىلەن ئەXX بۇ ئەھۋالنى پونكىت باشلىقى تۇXXغا مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا تۇXX سۇ پونكىتىنىڭ « سۇ پۇلى يىغىش جەدىۋىلى» نى ئىشلەيدىغان كادىرى ئوXXغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىXXنىڭ شۇ يىلى تۆلەشكە تىگىشلىك سۇ پۇلىنى كۆتىرىۋاتقان .

XX يېزا XX كەنتنىڭ سۇغا مەسئۇل مۇئاۋىن كەنت مۇدىرى ئەXX دىھقان كىXXدىن 2012-يىللىق سۇ پۇلىغا قارىتا 4000 يۈەن سۇ پۇلى يىغقان بۇلۇپ ، بۇ پۇلنى ھىساپقا كىرىم قىلماي، ئەXX بىلەن بىللە XX يېزا XX كەنتتىكى دىھقان شۈXXنىڭ يىرىنى سۇ بېسىپ كىتىش سەۋەبىدىن شۇنىڭ زىيان ھەققىنى تۆلەپ بەرگەن. يىل ئاخىرىدا ئەXX بىلەن ئەXX بۇ ئەھۋالنى پونكىت باشلىقى تۇXXغا مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا تۇXX سۇ پونكىتىنىڭ « سۇ پۇلى يىغىش جەدىۋىلى» نى ئىشلەيدىغان كادىرى ئوXXغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىXXنىڭ شۇ يىلى تۆلەشكە تىگىشلىك سۇ پۇلىدىن 4000 يۈەننى ھىساپتىن كۆتىرىۋاتقان .

XX يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ باشلىقى تۇXXنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن XX يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ كادىرى ئەXX بىلەن XX يېزا XX كەنتنىڭ سۇغا مەسئۇل مۇئاۋىن كەنت مۇدىرى ئەXX دىھقان ئەXXدىن 2013-يىللىق سۇ پۇلىغا قارتا ئالغان 2000 يۈەننى ھىساپقا كىرىم قىلماي، بۇ سۇ پۇلىغا بىر تۇياق قوي سېتىۋېلىپ، تۇXX بەلگىلەپ بەرگەن 11-پىرىپاتنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاXXقا سوۋغا قىلغان. يىل ئاخىرىدا ئەXX بىلەن ئەXX بۇ ئەھۋالنى پونكىت باشلىقى تۇXXغا مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا تۇXX سۇ پونكىتنىڭ « سۇ پۇلى يىغىش جەدىۋىلى» نى ئىشلەيدىغان كادىرى ئوXXغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەXXنىڭ شۇ يىلى تۆلەشكە تىگىشلىك سۇ پۇلىدىن 2000 يۈەننى ھىساپتىن كۆتىرىۋاتقان .

XX يېزا XX كەنتنىڭ سۇغا مەسئۇل مۇئاۋىن كەنت مۇدىرى ئەXX دىھقان قۇXXدىن 2013-يىللىق سۇ پۇلىغا قارىتا ئالغان 500 يۈەننى ھىساپقا كىرىم قىلماي، بۇ پۇلغا تۆت دانە قۇرغۇل سېتىۋېلىپ ، تۇXXغا بەرگەن. يىل ئاخىرىدا ئەXX بۇ ئەھۋالنى پونكىت باشلىقى تۇXXغا دىگەندىن كىيىن تۇXX سۇ پونكىتىنىڭ « سۇ پۇلى يىغىش جەدىۋىلى» نى ئىشلەيدىغان كادىرى ئوXXغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇXXنىڭ شۇ يىلى تۆلەشكە تىگىشلىك سۇ پۇلىدىن 500 يۈەننى ھىساپتىن كۆتىرىۋاتقان. 

XX يېزا XX كەنتنىڭ سۇغا مەسئۇل مۇئاۋىن كەنت مۇدىرى ئەXX دىھقان ئەXXتىن 2014-يىللىق سۇ پۇلىغا قارىتا ئالغان 2000 يۈەننى ھىساپقا كىرىم قىلماي، XX كەنت 3-گۇرۇپپىدىكى ئۆستەڭنى قاشالاشقا ئىشلەتكەن. يىل ئاخىرىدا ئەXX بۇ ئەھۋالنى پونكىت باشلىقى تۇXXغا دىگەندىن كىيىن تۇXX سۇ پونكىتىنىڭ « سۇ پۇلى يىغىش جەدىۋىلى» نى ئىشلەيدىغان كادىرى ئوXXغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دىھقان ئەXXنىڭ شۇ يىلى تۆلەشكە تىگىشلىك سۇ پۇلىدىن 2000 يۈەننى ھىساپتىن كۆتىرىۋاتقان . 

XX يېزا XX كەنتنىڭ سۇغا مەسئۇل مۇئاۋىن كەنت مۇدىرى ئەXX دىھقان ئەXXتىن 2014-يىللىق سۇ پۇلىغا قارىتا ئالغان 600 يۈەننى ھىساپقا كىرىم قىلماي، كەنتتىكى سۇ ياقىلايدىغان بالىلارغا رېزىنكە ئۈتۈك، ئىلىكتىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەرگەن. (ھەقىقەتەن شۇنداق نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلىقىغا دائىر ئېغىز ئىقرارىدىن باشقا دەلل-ئىسپات يوق.) يىل ئاخىرىدا ئەXX بۇ ئەھۋالنى پونكىت باشلىقى تۇXXغا دىگەندىن كىيىن تۇXX سۇ پونكىتىنىڭ « سۇ پۇلى يىغىش جەدىۋىلى» نى ئىشلەيدىغان كادىرى ئوXXغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دىھقان ئەXXنىڭ شۇ يىلى تۆلەشكە تىگىشلىك سۇ پۇلىدىن 600 يۈەننى ھىساپتىن كۆتىرىۋاتقان . 

XX يېزا XX كەنتنىڭ سۇغا مەسئۇل مۇئاۋىن كەنت مۇدىرى ئەXX دىھقان شىXX دىن  2012-يىللىق سۇ پۇلىغا قارىتا ئالغان 1600 يۈەننى ھىساپقا كىرىم قىلماي، بۇ پۇلنى XX يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ كادىرى ئەXX بىلەن بىللە XX يېزا XX كەنت تەۋەلىگىدىكى ئۆستەڭنى قاشلاشقا ئىشلەتكەن. بۇ 1600 يۈەن سۇ پۇلى ھىساپ سىرتىدىكى پۇل بۇلۇپ، پونكىت باشلىقى تۇXXنىڭ خەۋىرى يوق . 

XX يېزا XX كەنتنىڭ سۇغا مەسئۇل مۇئاۋىن كەنت مۇدىرى ئەXX دىھقان ئەXXدىن 2014-يىللىق سۇ پۇلىغا قارتا 500 يۈەن سۇ پۇلى يىغقان بۇلۇپ، بۇ پۇلنى ھىساپقا كىرىم قىلماي، ئەXX بىلەن بىللە XX يېزا XX كەنت 2-گۇرۇپپىدىكى ئۆستەڭنى قاشلاشقا ئىشلەتكەن. يىل ئاخىرىدا ئەXX بىلەن ئەXX بۇ ئەھۋالنى پونكىت باشلىقى تۇXXغا مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا تۇXX سۇ پونكىتىنىڭ « سۇ پۇلى يىغىش جەدىۋىلى» نى ئىشلەيدىغان كادىرى ئوXXغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەXXنىڭ شۇ يىلى تۆلەشكە تىگىشلىك سۇ پۇلىدىن 500 يۈەننى ھىساپتىن كۆتىرىۋاتقان .

مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ ۋە ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇپ، يەنىلا ئەXXنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ بىكىتىشنىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس، ئەيىبلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 175-ماددا 4-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەركىن نايىپنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

زىيانلانغۇچى تەرەپ مەزكۇر  قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ، ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى بىۋاستە شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ .

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top