欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(存疑不起诉适用)(阿卜杜米力克·伊敏)(公开版)

2021-09-25 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قاراقاش ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى

ق ت ئە 2-بۈلۈم (2020) 3-نومۇرلۇق 

 قاراقاش ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     ئەيىپلەنمىگۈچى ئاب**،ئەر،1979-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى:6532221979******** ،ئۇيغۇر،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى دىھقان،سالاھىيىتى ئامما،نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى ۋە ئولتۇرقى قاراقاش ناھىيە ** يېزا ** كەنتى **-نومۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن،2020-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.

 بۇ دىلونى  قاراقاش ناھىيىلىك  ج خ ئىدارىسى  تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى دىلونى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە  مەلۇم قىلغان،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق ئەمەس،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ 2020 -يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋە 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى دىلونى   قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشى ئۈچۈن قايتۇرغان،قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دىلونى مەھكىمىمىزگە قايتا يوللىغان،دىلونىڭ چېتىشلىق دائىرسى كەڭ،تەسىرى زور بولغاچقا تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش باسقۇچىدىكى دىلو بىجىرىش سۈرۈكىنى 3 قېتىم ئۇزارتىلغان،

  قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەش پىكىرنامىسىدە ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ قىلمىشىنى تۆۋەندىكىچە بىكىتكەن.

  1.جاۋابكار تۇ** 2014-يىلى 10-ئايدا زىيانلانغۇچى تۇر** 80000يۇەن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز بىرىپ،ئۆسۈمى ئۈچۈن بىر يىلدا 20000يۇەن ئالىدىغانغا دىيىشكەن،كىيىن زىيانلانغۇچى تۇر** ئالغان قەرىزنى ئۆسۈمى بىلەن ۋاقتىدا قايتۇرالمىغاچقا 2016-يىلى 2-ئايدا جاۋابكار تۇ** ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن جاۋابكار تو **ۋە   ئەيىپلەنمىگۈچى ئە**,ئا**،ئاب** قاتارلىقلارنى باشلاپ زىيانلانغۇچى تۇر**نىڭ قاراقاش ناھىيە ** يېزا ** كەنتى **-مەھەللىدىكى ئۆيىگە بېرىپ جاۋابكار تۇ** زىيانلانغۇچى تۇر**غا قەرىزنى قايتۇرۇشنى دەپ تىللاپ ھاقارەتلەپ تەھدىد سالغان ھەمدە زىيانلانغۇچى تۇر**نىڭ ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان بالىسى ئاب**(8ياش) نىڭ قولىدىن تارتىپ سىرتقا ئېلىپ مېڭىپ قەرىزنى قايتۇرمىسا بالىنى سېتىپ پۇلىنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى دەپ تەھدىد سالغاندا زىيانلانغۇچى تۇر**نىڭ ئايالى بۇ** بالىسىنىڭ قولىغا ئېسىلىپ تارتىۋالغان .بۇ جەرياندا جاۋابكار تو** ۋە  ئەيىپلەنمىگۈچى ئە**ئاب**،ئا**  قاتارلىقلار نەخ مەيداندا قاراپ تۇرۇپ جاۋابكار تۇ**نىڭ باشقىلارنى تىللاپ تەھدىد سېلىشىغا ياردەملىىشىپ يۇرەك بولۇپ بەرگەن.كىيىن زىيانلانغۇچى تۇر** بىر قانچە كۈن توختاپ بىرىشنى دىگەندە جاۋابكار تۇ** باشقىلارنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.

   2.جاۋابكار تۇ** 2012-يىلى 1-ئايلار ئەتىراپىدا زىيانلانغۇچى جۈ**غا  20000يۇەن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز پۇل بىرىپ ھەر ئايلىق ئۆسۈمى ئۈچۈن 2000يۇەن ئالىدىغانغا دىيىشكەن،كىيىن زىيانلانغۇچى جاۋابكار تۇ**دىن ئالغان قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ قەرىزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمىغاچقا ،جاۋابكار تۇ** 2015-يىلى 1-ئايدا زىيانلانغۇچى جۈ**نى ئۆيىگە چاقىرتىپ ئۇرغان،ئۇرغان نەخ مەيدان جاۋابكار تو** قاراپ تۇرغان.2018-يىلى 12-ئايلار ئەتىراپىدا جاۋابكار تۇ**جاۋابكار تو** ۋە ئەيىپلەننمىگۈچى ئە**ئا**،ئا**لارنى باشلاپ زىيانلانغۇچى جۈ**نىڭ قاراقاش ناھىيە ** يېزا **  كەنتى **-مەھەللىدىكى ئۆيىگە بېرىپ زىيانلانغۇچى جۈ**نى قەرىزنى قايتۇرۇشقا قىستاپ تىللاپ ھاقارەتلەپ تەھدىد سالغان،بۇ جەرياندا جاۋابكار تو** ۋە ئەيىپلەنمىگۈچى ئە**ئاب**،ئا**  نەخ مەيداندا قاراپ تۇرۇپ جاۋابكار تۇ**غا ياردەملىشىپ يۇرەك بولۇپ تۇرۇپ بەرگەن. 

يۇقارقىدىن باشقا ئەيىپلەنمىگۈچى ئاب** جاۋابكار تۇ**نىڭ باشلاپ بېرىشى بىلەن مۇ**،ئۇ** ۋە باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە يۇقىرى ئۈسۈملۈك قەرىزنى سۈيلەشكە بېرىشىپ بەرگەن.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ۋە تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇش ئارقىلىق ئەيىپلەنمىگۈچى ئاب** گەرچە 2قېتىم باشقىلارنىڭ ئۆيىگە قەرىز سۈيلەش ئۈچۈن بارغانلىقى ئىسپاتلانسىمۇ لېكىن كۆپ قېتىم بارغانلىقى ئىسپاتلانمايدۇ.جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق ئەمەس،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس ،ئەيىپلەشنىڭ شەرتىگە توشمايدۇ.شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 175-ماددا 4-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ،ئەيىپلەنمىگۈچى ئاب**گە گۇمانلىق ئەيىپلىمەسلىك قارارى چىقىرىلدى.

   ئەگەر زىيانلانغۇچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا ،قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ 7كۈن ئىچىدە خوتەن ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز بىرىپ ئەيىپلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ياكى بىۋاستە قاراقاش ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

   

قاراقاش ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020–يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top