شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى گۇما ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
گ.ت.1-ب ئەيىپلىمەسلىك (2020)1-نومۇر
ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلىXX-ئاينىڭXX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65322319XXXXXXXXXX، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، شىنجاڭ گۇما ناھىيىسىدىن، گۇما ناھىيە XX بازىرى XX XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دىھقان، ئىلگىرى جىنايى جازاغا ئۇچرىمىغان، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايەت گۇمانى بىلەن گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى7-ئاينىڭ13-كۈنى كىپىلگە بىرىلگەن.
زەخمىلەنگۈچى ن XX ، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 65322319XXXXXXXXXX، گۇما ناھىيە XX بازىرى XX كەنتى XX-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق.
مەزكۇر دىلونى گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XXنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ،2019–يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىمىز ئۈچۈن يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق ئەمەس، دەلىل ئىسپاتى تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 1-قىتىم تولۇقلاپ تەقىقلىشىگە قايتۇرغان، گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تولۇقلاپ تەقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى قايتا يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق ئەمەس، دەلىل ئىسپاتى تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 2-قىتىم تولۇقلاپ تەقىقلىشىگە قايتۇرغان، گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تولۇقلاپ تەقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى قايتا يوللىغان. مەھكىمىمىز ئەيىپلەش سۈرىكىنى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ئۇزارتقان.
گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغاندا: «2019-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ن XX XX بازىرى بازار ئىچىدە ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ، مەس ھالەتتە ئۆيگە قايتىش يولىدا XX بازارلىق شىپاخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XXنى ئۇچرىتىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى توسىۋىلىپ كەتكىلى قويماي تۇتىۋىلىپ قويۇپ بەرمىگەن، ئۇنىڭدىن كىيىن ن XX بىلەن ئا XX ئۆزئارا تارتىشىپ ئا XX چىشى بىلەن ن XX نىڭ بارمىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋالغان، ئارقىدىن ن XX ئوڭ پۇتى بىلەن ئا XXنى تەپكەن چاغدا ئا XX ن XX نىڭ پۇتىنى تۇتۇپ ئىتتىرۋەتكەن، ن XX ئوڭ تەرەپكە مال يولغا يىقىلىپ چۈشكەن، ئا XX ن XX نى قەستەن زەخمىلەندۈرگەن.
گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئورنى ن XX نىڭ زەخمىسىنى تەكشۈرۈپ «مۈرە ئوڭ تەرەپ ئوقۇرەك سۈڭەك سۇنغان، بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يۇمشاق توقۇلمىلار زەخمىلەنگەن، زەخمىنى سىرىتقى زورلۇق كۈچ كەلتۈرۈپ چىقارغان، سول قول باش بارمىقى چىشلەپ ئۈزىۋىلىنغان، ئىككىنجى دەرىجىلىك يىنىك زەخمە» دەپ باھالىغان. دەپ پاكت بىكىتىپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان».
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ ۋە تولۇقلاپ تەقىقلەشكە قايتۇرغان بولساقمۇ، مەھكىمىمىز يەنىلا گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بىكىتكەن دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق ئەمەس، دەلىل ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، ئەيىپلەش شەرتىگە توشمايدۇ دەپ قارايدۇ.
گۇما ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنى باھالاش چىقىرىپ: زىيانلانغۇچى ن XX نىڭ تۈپ مۆرە سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە ئوڭ يان تەرەپ ئوقۇرەك سۈڭەك سۇنغان، ئىككىنجى دەرىجىلىك يىنىك زەخمە؛ سول قول چىشلەپ زەخمىلەنگەن، زور كۈچ بىلەن ئوڭ قول باش بارماق يىراق بوغۇم بارماق سۈڭىكى تولۇقسىز سۇنغان، يەڭگىل زەخمە؛ تۈپ مۈرە سىرتىدا سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە كىلىپ چىققان يۇمشاق ھەركەت زەخمە، يەڭگىل زەخمە دائىرىسىگە كىرىدۇ دەپ باھالاپ، باھالاش يەكۈنىدە ن XX نىڭ زەخمىسى ئىككىنجى دەرىجىلىك يىنىك زەخمە دەپ باھالىغان بولۇپ، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قارالغان ئىككىنجى دەرىجىلىق يىنىك زەخمىنى ئەيىپلەنمىگۈچى ئا XXنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈپ كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ بىكىتىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس. شۇڭلاشقا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 175-ماددا 4-تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئا XXنى ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قاراراغا قايىل بولمىسا، بۇ قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى بۇ قاراراغا قايىل بولمىسا، بۇ قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە خوتەن ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلماي گۇما ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
گۇما ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى1-ئاينىڭ 20–كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论