欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(尼某某危险驾驶案)_博乐市人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

不起诉决定书

博乐市检一部刑不诉〔2020〕27号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش

 مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى 

ب ش ت ب ب ج  ئەيىبلىمەسلىك (2020) -نۇمۇرلۇق

 ئەيىپلەنمىگۈچى نى** ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1987-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى: 6527011987********، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، بورتالا شەھەرلىك ** ئورنىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشچىسى،  تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** يولى ** ئولتۇراق رايونى**- بىنا **- كورپۇس **- ئۆي، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ** ساقچىخانىسى. 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 21-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن ، 2020- يىلى10- ئاينىڭ17- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .

 مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى (2020) 142- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق ئەيىپلەنمىگۈچى نى**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

  2020-يىلى 09-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 08دىن 20 مىنوت ئەتراپىدا، ئەيىپلەنمىگۈچى نى** ھاراق ئىچىپ،  党群***** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ بورتالا شەھەر بىيجىڭ يولىدا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ، بېيجىڭ يولى كەيپىڭ كۆۋرۈكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. بورتالا ئوبلاسىتلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپات باھالاشنامىسىدا، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەيىپلەنمىگۈچى نى**نىڭ ۋىنا قىنىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى 105.251mg/100ml بولۇپ بېكىتىلگەن .

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىپلەنمىگۈچى نىXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلارقانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. بىراق ئەيىپلەنمىگۈچى نى** ئۆز جىنايىتىگە ئىقرار، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، قىلمىشىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار، باشقا ئېغىرلىتىش تەرەپلىرى يوق ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 37- ماددىسى ۋە «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن »نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىغا ئاساسەن ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. 

ئەيىپلەنمىگۈچى ئەگەر مەزكۈر قارارنامىغا قايىل بولمىسا ،قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە ،مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 10–ئاينىڭ 28 -كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top