شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك ت ئەيىبلىمەسلىك 〔2020〕 15- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى جX،ئەر ، ئۇيغۇر، 1998-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529261998، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپىى:مۇقىم كەسپى يوق،يۇرتى :شنىجاڭ باي ناھىسيسى ،ھازىرقى ئولتۇرغى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: باي ناھىيسي ** يېزا** كەنىت **-گوروپ **-نۇمۇر،ئىلگىرى جازالانمىغان.
2019-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕759-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى جXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، 2019- يىلى12- ئاينىڭ15-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق،2019-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنى دىلونى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە يوللىدۇق،2020-يىلى 3-ئاينىڭ1-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدۇق، 2020- يىلى4-ئاينىڭ2-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
ئەيىبلەنمىگۈچى جX 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4:00 ئەتراپىدا،ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىش مەقستىدە كۇچا ناھيە ** مىھمانخانسنىڭ ئەتىراپىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ** مىھمانخانسنڭ ئالدى ئشىكنىڭ تاقاق ئكەنلىكنى ۋە ئامانلىق قوغدىغۇچى ۋە باتەيدىكى مۇلازمەتچى خادىملارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلقنى بايقاپ پۇرسەتىتىن پايدىلنىپ مىھمانخانىنىڭ **ئشىكىگە بېرىپ **چىگىپ قويغان ئشكنى تىپىپ ئتىرىپ سىمنى ئۈزۈپ ** ئشىك بىلەن يۈزنى كۆينىكنىڭ ياقسى بىلەن ئوراپ زىيانلانغۇچى رX ئۇخلاۋاتقان كىرسلونىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان vivoy81s ماركىلق 1054 يۈۋەن قىمىتدىكى تېلفۇنىنى ئوغۇرلغان ۋە بۇ تېلفۇنىنىڭ ساتسا كۆپ پۇلغا يارىمايدىغانلقنى بىلىپ داۋاملىق ئوغۇرلۇق قىلماقچى بۇلۇپ باتەينىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان ياتاقنىڭ ئونۋىرسال كارتسنى ئېلىپ مىھمانخانىنىڭ**-قەۋەتىتىكى B***ۋەB***نۇمۇرلۇق ياتاققا ئونۋىرسال كارتىنى سۈرۈپ ئچىگە كىرىپ بۇئكىكى ياتاقتا مىھمانلانىڭ يوقلىغنى بايقاپ، مىمھمانخانىنىڭ **-قەۋەتكەچىقىپ*** B نۇمۇرلۇق ياتاققا ئونۋىرسال كارتنى سۈركەپ كىرىگەن، بۇ ياتاقتا ياتقانلارنىڭ ئۇخلىماي ھاراق ئچىۋاتقانلقنى كۈرۈپ كەينىگە يېنىپ چىقىپ كەتكەن ،B***نۇمۇرلۇق ياتاققا ئونۋىرسال كارتىنى سۈركەپ ئشكىنى ئتىترىگەندە ئشكىنڭ ئچىدىن زەنجىلەپ قويغانلقنى كۈرۈپ بۇ ياتاققا كىرەلمەي يېندىكى *** A نۇمۇرلۇق ياتاققا كىرىپ ئونۋىرسال كارتىنى سۈركەپ ياتاققا ئېچىپ كىرىپ بىلىندۇرمەي ئادەم ياتقان كارۋاتنىڭ يېنىغا كىلىپ سېلىپ قويغان كىيمنىڭ يانچۇقنى ئاختۇرماقچى بولغاندا بۇكارىۋاتتىكى ** كشى بايقاپ قېلىپ كىمۇ سەن دىگەن جX ياتاققا خاتا كىرىپ قاپتىمەن دەپ چىقىپ كىتىپ بۇ ياتاقنىڭ قارشى تەرپىدىكى *** B نۇمۇلۇق ياتاققا ئونۋىرسال كارتىنى سۈركەپ ياتاق ئېچگە كىرىپ بۇ ياتاقتا بىر ئوغۇل بالنىڭ يېتىپ تېلفۇن ئويناۋاتقانلقنى كۈرۈپ خاتا كىرىپ قاپتىمەن دەپ بۇ ياتاقتىن چىقىپ كىتىپ يەنە مىھمانخانىنىڭ **-قەۋىتىگە چقىپ ***Aنۇمۇرلۇق ياتاققا ئونۋىرسال كارتىنى سۈركەپ كىرىپ بۇ ياتاقتا ياتقان ئادەمنىڭ ينىغا كىلىپ كىيمنىڭ يانچۇقنى ئاختۇراي دەپ تۇرشىغا جXگە دوستىدىن تىېلفۇن كىلىپ قېلىپ بۇ ياتقتىكى ئادەمنىڭ ئۇيغۇنۇپ كىتپ بايقاپ قېلىشدىن قورقۇپ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن ۋە ئەتىراپتىن چىققان ۋاراڭ -چۇرۇڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇتۇلۇپ قېلىشدىن قورقۇپ مىھمانخانىنىڭ ** ئشىكىدىن قېچىپ كەتكەن ، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
ئەيىبلەنمىگۈچى جXنىڭ ئوغۇرلۇق قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق،بىراق ئوغۇرلۇق سوممىسى دىلو ئېچىش ئۆلچىمىگە توشمايدۇ،شۇڭلاشقا «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177- ماددا 1- تارماقدىكى بەلگىلىمە بويىچە جXنى مۇتلەق ئەيىبلىمەسلىك بويىچە بىرتەرەپ قىلدۇق .
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ .
كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە مەمۇرى جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىسى
2020-يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论