شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ش س ت 2 - باشقارما ئەيىبلىمەسلىك [2020] يىللىق: 85- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى بxx، ئەر، 1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6531011983********، ئۇيغۇر،باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادرېسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرى ** يېزا ** كەنتى **-گۇرۇپ **-نومۇر. تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى ** يولى **-نومۇر **رايون**-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى بxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە، ئەيىبلەنمىگۈچىگە بارلىق دەۋا ھوقوقىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 23:20 لەردە، ئەيىبلەنمىگۈچى بxx ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە 新A***** نومۇرلۇق ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى ** يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدە93 مىللىگرام ئىسپىرت ماددىسىنىڭ بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.
ئەيىبلەنمىگۈچى بxx دېلوغا كەلگەندىن كېيىن، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
1) يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇق ئۇچۇرى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قېنىنى ئېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش ھاۋالەنامىسى، باھالاش پىكىرنامىسىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى؛
1) باھالاشنامە: شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات ئاكادىمىيىسى ئەدلىيىلىك تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] **-نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاشنامىسى؛
1) ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى؛
1) نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە سىن ماتېرىيالى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى بxxنىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى قىلمىشى يېنىك، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان ھەمدە ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغان، شۇڭا جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،بxxنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论