欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(帕某某盗窃案)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

شايار ت ئەيىبلىمەسلىك (2020)  47 -نۇمۇرلۇق    

ئەيىبلەنمىگۈچى پxx، ئايال، ئويغۇر، xx19-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:xxxxxxxxxx65292419 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، دېھقان، xx ناھىيە xx يېزا x كەنت 2-گۇرۇپ 45-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 3–ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە. 

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى پxx نىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2018) 90-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

ئەيىبلەنمىگۈچى  پxx 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كىيىن  ئۈزى يالغۇز  زىيانلانغۇچى نxxنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ،  ھويلا  دەرۋازىسىنىڭ ئىچىدىن ئىلغۇچتا ئىلىقلىق  ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئادەم  يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دەرۋازىسىنىڭ ئىچىدىكى ئىلغۇچنى ئېچىپ، نxxنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، مېھمانخانا ئۈيىدىن بىر جۈپ   ئالتۇن ھالقا ۋە بىر تال  تۆت چاسا شەكىللىك ئالتۇن ئۈزۈك، بىر تال   ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى تال  كىچىك گۈللۇك نۇسخىسىدىكى ئالتۇن ئۈزۈك قاتارلىق 10885 يۈەن  قىممىتىدىكى 43.54 گىرام كىلىدىغان ئالتۇن زىبۇ -زىننەتنى  ئوغۇرلاپ، xx ناھىيە  x بازىرىغا ئاپىرىپ 10776 يۇەنگە  سېتىۋەتكەن . دېلو پاش بولغاندا ئوغرىلانغان ئالتۇننىڭ زىيىنى ئۈچۈن 10885 يۈەن تۆلەپ بەرگەن. 

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى پxx « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن جىنايى قىلمىشى يىنىك، تۇنجى قېتىم دېلو سادىر قىلغان، ئۈزىنى مەلۇم قىلغان، زىياننى تولۇق تۆلەپ قايتۇرۇپ، زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن. جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى ، شوڭا جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن پxxنى  ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى  مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ  ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز  قىلسىمۇ بولىدۇ .

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top