شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ت ج ئەيىبلىمەسلىك(2021) 9– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ق**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش ،**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:1774 **654123 ، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ** ناھىيىسىدىن، ** ناھىيە ** بازىرى ** يۇلى **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۇنى ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ق**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 9- كۈنى (2021) 111-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ق** 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈندىن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، قانۇنسز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ نامىدىكى ئۈندىدار نۇمۇرى: **0808، ئۈندىدار ئىسمى: ** بولغان ئۈندىدارى ئارقىلىق ق**گە ئۈندىدار ئارقىلىق «توردا قەرىز بىجىرەلەيمەن، توردا قەرىز بىجىرىدىغانلارنى تاپساڭ، ساڭا پايدا ئارىپ بېرىمەن» دېگەن ھەم توردا قەرىز بىجىرىش توغۇرسىدىكى رەسىملىك ۋە خەتلىك ئۇچۇرنى ق**غا ئەۋەتىپ بېرىپ، دوسلار چەمبىركىگە چىقارغۇزۇپ توردا قەرىز بىجىردىغانلارنى تېپىشىنى دېگەن، ق** توردا قەرىز بىجىرىش رەسمىيەت ھەققى ئېلىش نامىدا، توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا لەمپە كەنىت 3-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئە**دىن قەرىز پۇل بېجىرىپ بېرىش نامىدا 2500يۈەننى، شىنجاڭ غولجا شەھەر ھەمكارلىق رايۇنى جىياڭ نەن چۈن شياۋ 5-بىنا 3-كورپۇس 20-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ش** دىن قەرىز پۇل بېجىرىپ بېرىش نامىدا 2000يۈەننى ئۈندىدار ئارقلىق تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇ پۇلدىن ئە**غا قەرىز بېجىرىش ئۈچۈن 2500 يۈەننى، ش**غا قەرىز بېجىرىش ئۈچۈن 1000 يۈەننى ئەيىبلەنمىگۈچى ق**غا ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن، ش**نىڭ 1000 يۈەن پۇلىنى ئۆزى قالغان. كىيىن ق** يۇقارقىلارغا قەرىز بېجىرىپ بېرەلمىگەندىن كىيىن ق** ئۆزى ئېلىپ قالغان 1000 يۈەن پۇلنى شى**غا 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى دىلو پاش بۇلۇشتىن ئىلگىرى قايتۇرۇپ بەرگەن.
دىلو پاش بولغاندىن كېيىن، ق**نىڭ ئائىلىسىدىكلەر زىيانلانغۇچى ئە**نىڭ 2500يۈەن زىيننى ۋە شى** نىڭ 1000يۈەن زىيننى تۆلەپ بېرىپ، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، زىياللانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى، ق**نىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
مەھكىممىز؛ ئەيىبلەنمىگۈچى ق**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى ق** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان، جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇدۇ، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن، باشقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى ق**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ق**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .
ئەيىبلەنمىگۈچى ق** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .
زىياللانغۇچىلار مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .
توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论