ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئاقسۇ شەھەرلىك تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك [2020] 71-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى مۇXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXXXX65292919، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى ئاشپەز، XX ناھىيە XX بازار XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى مۇXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلونى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى [2020] 1513-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىپلەنمىگۈچى مۇXX 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 00: 22لەردە، XX ناھىيە XX بازار ئىچىدىكى<XX> ئاشخانىسدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئارام ئېلىپ يېتىپ(ئەتىسى) 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 02:30لاردا شۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新NXXXXXنۇمۇرلۇق ماشنىنى ھەيدەپ، 314-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاش يولى 1069كىلومىتىرلىق بۆلىكىگە كەلگەندە ، شۇ ئەتىراپتا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا ئەيىپلەنمىگۈچى مۇXXنىڭ مەسىت ھالەتتە ئاپتۇموبىل ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق ئەيىپلەنمىگۈچى مۇXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى93.25مىللىگىرام (mg/100ml93.25) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.
يۇقارقىلارنى ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ بايانى، باھالاش نەتىنجىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى مۇXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن بەلگىلىمىسى خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك. بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى مۇXX ئىلگىرى جازالانمىغان، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، دىلو ھاراق ئىچىلىپ بىر كېچە ئۆتكەندىن كېيىن بايقالغان، ۋەقە سادىر قىلمىغان، ئەيىبلەنمىگۈچى تەھقىقلەش باسقۇچىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا تۇلۇق ئىقرار بولغان، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، «خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى» نىڭ 370-ماددا بەلگىلىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ [2019] 34-نۇمۇرلۇق «شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنىڭ كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) نى تارقاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» نىڭ 9-ماددا بەلگىلىمىسى ئاساسەن ئەيىبلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن نىسپى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى مەھكىمىمىزنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020 -يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论