شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
شايار ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 45-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx، ئەر، ئويغۇر،xx20-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxx65292420، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، xx ناھىيە xx بازىرى xx كەنت 2-گورۇپتا ئولتۇرشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن, 2020-يىلى9–ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8 -كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 113-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx2019-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا، تۇنۇشى شxx بىلەن xx بازىرى x كەنت 3-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى سxxنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ بارغان. س xxنىڭ يان تېلفۇننى بېشىغا قۇيۇپ ناخشا قۇيۇپ ئۇخلاۋاتقىنىنى كۈرۈپ، ئۇ ئۆيدە 10 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغاندىن كىيىن، شxx بىلەن سxxنىڭ ئۈيىدىن چىقىپ ئازراق ماڭغاندىن كىيىن، شxxغا « مەن ئاxxنىڭ ئۈيىگە بېرىپ كېلەي » دىگەننى باھانە قىلىپ، ش xxنى ئۈيىگە ماڭغۇزۋەتكەندىن كىيىن، ئۆزى يالغۇز زىيانلانغۇچى س xx نىڭ ئۈيىگە يېنىپ كىرىپ، زىيانلانغۇچى سxxنىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بېشىغا قۇيۇپ قويغان بىر دانە OPPO A5 ماركىلىق 1084 يۈەن قىممىتىدىكى يانفوننى ئوغۇرلاپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ پۇل تۆلەپ بىرىشى بىلەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئەxx « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن دېلو يۈز بەرگەندىن كىيىن ئۈزىنى مەلۇم قىلغان، تۇنجى قېتىم دېلو سادىر قىلغان، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، شوڭا جىنايى قىلمىشى يىنىك، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسى، 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئە xxنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى تەرەپ مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ .
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论