和田市人民检察院
不起诉决定书
和市检一部刑不诉〔2021〕2号
被不起诉人买某,男性,维吾尔族,1986年x月x日出生,居民身份证号码6532211986xxxxxxxx,初中,农民,无前科,户籍所在地和田县布扎克乡其来克村xxx号。因涉嫌危险驾驶罪,于2020年10月25日被和田市公安局取保候审。因涉嫌犯有危险驾驶罪,于2020年11月20日被我院取保候审。
本案由和田市公安局侦查终结,以被不起诉人买某涉嫌危险驾驶罪,于2020年11月20日向本院移送审查起诉。
经本院依法审查查明:
2020年9月15日晚,被不起诉人买某喝完酒后,2020年9月16日凌晨 00:30分时许驾驶自己名下购买的新Rxxxxx号牌小轿车途径古江南路30号报警点时被在此路段便民服务站的民警查获酒驾。经鉴定被不起诉人买某血样中含有乙醇含量为272mg/100mL。
本院认为,买某的上述行为已触犯《中华人民共和国刑法》第一百三十三条第一款之规定,构成危险驾驶罪,但情节显著轻微、危害不大,买某于2020年12月17日已死亡。依照《中华人民共和国刑事诉讼法》第十六条第(五)项的规定,决定对买某不起诉。
被害人如果不服本决定,可以自收到本决定书后七日以内向和田地区检察分院申诉,请求提起公诉;也可以不经申诉,直接向和田市人民法院提起自诉。
和田市人民检察院
2021年1月28日
(院印)
خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمىگەن جىنايى ئىشلار دەۋاسى (2021 ) 02 -نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى مەx، ئەر، ئۇيغۇر، 1986-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:xxxxxxxx6532211986، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، نوپۇس ئادرېسى: خوتەن ناھىيىسى بۇزاق يېزىسى چىلەك كەنتىxxx-نۇمۇر. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020ـ يىلى 11ـ ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۇر دېلونى خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى مەxنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىزنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە:
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، ئەيىبلەنمىگۈچى مەx ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 00:30 لەر ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ نامىدىكى ۋە ئىگىدارچىلىقىدىكى 新Rxxxxxنومۇرلۇق پىكاپنى ھەيدەپ جەنۇبىي گۇجىياڭ يولى 30-نومۇرلۇق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نۇقتىسىدىن ئۆتكەندە، شۇ يول بۆلىكىدىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى مەxنىڭ قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 272mg/100mL دەپ بېكىتىلگەن.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، مەxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلارقانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارمىقى بەلگۈلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، لېكىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ، باشقا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، مەx 2020ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 17ـ كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇڭا« جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 16ـ ماددىسىنىڭ ( 5 ) تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەxنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، بۇ قارارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، بۇ قارارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خوتەن شۆبىسىگە ئەرز قىلسا، ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئەرز قىلماي خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
2021ـ يىلى 01ـ ئاينىڭ 28ـ كۈنى
تەپتىش : پەخىردىن رىشات
تەپتىش ياردەمچىسى: ئادىلە مۇتەللىپ
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论