يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلمەسلىك قارارنامىسى
يې ت 1-بۆلۈم جىنايى ئىشلار ئەيىبلمەسلىك (2020) 7 – نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى تxx(لەقىمىxx)ئەر، ئۇيغۇر،-xx يىلىxx-ئاينىڭ -xxكۇنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: 65312219700xxxx ،كەسىپى دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، نوپوسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئولتۇرقى:يىڭشەھەر ناھىيە يىڭشەھەر بازىرى-xxكەنىت -xx مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان ، -2019يىلى -3ئاينىڭ -1كۈنى يىڭشەھەر ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن جىنايى ئشلار بويىچە توختىلغان ،-2019يىلى -4ئاينىڭ -8كۈنى مەھكىممىز قولغا ئىلىشنى تەستىقلىمىغان ، -2019يىلى -11ئاينىڭ -14كۈنى مەھكىممىزنىڭ -01[2019]نۇمۇرلۇق تولۇقلاپ ئەيىپلەش پىكىرنامىسىغا ئاساسەن -2019يىلى -11ئاينىڭ -14كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن،ئەيىبلەنمىگۈچى ھازىر ئائىلىسىدە.
يېڭشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 031-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى تxxxنى قىمارخانا ئىچىش جىنايتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىردىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇدۇق،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى قىلمىشى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
ئەيىبلەنمىگۈچى تxxx ، -2011يىلى-9ئايدىن-2014يىلى -4ئايغىچە يىڭشەھەر ناھىيە يىڭشەھەر بازىرى -2كەنىت- 6مەھەللىدىكى مxx(ئۆلۈپ كەتكەن)نىڭ توخۇ سۇقۇشتۇرۇش ئورنىدا يۇشۇرۇن قىلغان قىمارخاندا چوتائېىلشقا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ،قىمار ئوينىغۇچىلاردىن 50يۇەنگە 5يۇەن،100يۇەنگە 10يۇەندىن چوتا ئېلىپ چوتائالغان پۇلنى مxxقە تاپشۇرۇپ كۇنلىكى50يۇەندىن ئىش ھەققى ئېلىپ ، بۇجەرياندا ئىش ھەققى ئۈچۈن جەمىئى تەخمىنەن 50250 يۆەن پايدىغا ئىرشكەن .
بۇ دىلو مەھكىمىمىزنىڭ -2019يىلى-11ئاينىڭ-14كۈنى چىقارغان -01(2019)نۇمۇرلۇق تولۇقلاپ ئەيىپلەش پىكىرنامىسىگە ئاساسەن ج خ خادىملىرى قايتا تەكشۈرۈش تەھقىقلەش، گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقى، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارلىق ئارقىلىق پاش بولغان.
ئەيىبلەنمىگۇچىنىڭ يۇقارقى قىلمىشنى ئەيىبلەنمىگۇچىنىڭ سۇرئىتى، نوپۇس ئىسپاتى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان خەرىتسى، نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىممىز ئەيىبلەنمىگۇچى تxxنىڭ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 25-ماددا، 303–ماددىسدىكى قىمارخانا ئىچىش جىنايىتى شەكىنلىنىدۇ ئەمما سۈرۈشتۈرۈش سۈرىكى ئۆتۈپ كەتكەن دەپ قاراپ،شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلارقانۇنى» نىڭ87-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى»نىڭ16-ماددا، -177ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن ئەيبلەنمىگۈچى تۇرغۇن غوپۇرنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۇچى ( داۋاگەر ) تەرەپلەر بۇ قارار نامىگە قايىل بولمىسا قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۇن ئىچىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىپ ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە يىڭشەھەر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسمۇ بولىدۇ .
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى06-ئاينىڭ 06-كۇنى
××××人民检察院
2020年6月14日
(院印)
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论