欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(法定不起诉适用)(达迪汗·麦麦提)(公开版)

2021-09-25 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلمەسلىك قارارنامىسى

يې ت 1-بۆلۈم جىنايى ئىشلار ئەيىبلمەسلىك (2020) 5 – نومۇرلۇق 

  ئەيىبلەنمىگۈچى دxx،ئەر،ئۇيغۇر،-xxيىلى –xxئاينىڭ -xxكۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65312219710xxxx؛ كەسپى دىھقان ،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيىسىگە ئىگە،نوپوسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئولتۇرقى:يىڭشەھەر ناھىيە بارىن يىزا -xxكەنىت-xxمەھەللدە ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان ، يىڭشەھەر ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن -2019يىلى-3ئاينىڭ -1كۈنى قىمارخانا ئېچىش جىنايتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ جىنايى ئشلار بويىچە توختىلغان ،-2019 يىلى –3 ئاينىڭ -10كۈن ئېغىر كىسەل سەۋەبىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىلىككە بىرلگەن ، -2019يىلى-4ئاينىڭ-8 كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئىلىشنى تەستىقلىمىغان،2019-يىلى-11ئاينىڭ -14كۈنى مەھكىمىمزنىڭ -01[2019نۇمۇرلۇق تولۇقلاپ ئەيىپلەش پىكىرنامىسىغا ئاساسەن -2019 يىلى -11ئاينىڭ  -14كۈنى بىر تەرەپ  قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن ، ئەيبلەنمىگۈچى ھازىر ئائىلىسىدە.

يېڭشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 031-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن   ئەيىبلەنمىگۈچى دxxنى قىمارخانا ئىچىش جىنايتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىردىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇدۇق،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى قىلمىشى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:

ئەيىبلەنمىگۈچى دxx،-2009يىلى -4ئايدىن-2014 يىلى5-ئايغىچە يىڭشەھەر ناھىيە يىڭشەھەر بازىرى -2كەنىت -6مەھەللىدىكى مxx (ئۆلۈپ كەتكەن) نىڭ توخۇ سۇقۇشتۇرۇش ئورنىدا يۇشۇرۇن قىلغان قىمارخاندا،قىمار ئوينىغۇچىلاردىن50يۇەنگە 5يۇەن،100يۇەنگە 10يۇەندىن چوتا ئېلىپ يىغىلغان چوتا  پۇلنى مxxقە تاپشۇرۇپ كۇنلىكى 50يۇەندىن مۇئاش ئېلىپ ئىشلىگەن ، بۇجەرياندا ئىش ھەققى ئۈچۈن جەمىئى تەخمىنەن 90000 يۈەنگە ئىرشكەن.

بۇ دىلو مەھكىمىمىزنىڭ -2019يىلى-11ئاينىڭ-14كۈنى چىقارغان -01(2019)نۇمۇرلۇق تولۇقلاپ ئەيىپلەش پىكىرنامىسىگە ئاساسەن ج خ خادىملىرى قايتا تەكشۈرۈش تەھقىقلەش، گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقى، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارلىق  ئارقىلىق پاش بولغان.

ئەيىبلەنمىگۇچىنىڭ يۇقارقى قىلمىشنى ئەيىبلەنمىگۇچىنىڭ سۇرئىتى، نوپۇس ئىسپاتى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان خەرىتسى، نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

   مەھكىممىز ئەيىبلەنمىگۇچى دxxنىڭ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 25-ماددا، 303–ماددىسدىكى قىمارخانا ئىچىش جىنايىتى شەكىنلىنىدۇ ئەمما سۈرۈشتۈرۈش سۈرىكى ئۆتۈپ كەتكەن دەپ قاراپ شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلارقانۇنى» نىڭ87-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى»نىڭ16-ماددا، -177ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن ئەيبلەنمىگۈچى دxxنى  ئەيىبلىمەسلىك  قارار قىلىندى.

  ئەگەر ئەيىبلەنمىگۇچى ( داۋاگەر ) تەرەپلەر بۇ قارار نامىگە قايىل بولمىسا قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۇن ئىچىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىپ ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە يىڭشەھەر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسمۇ بولىدۇ .

 

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى06-ئاينىڭ 06-كۇنى

     

××××人民检察院

2020年6月14日

(院印)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top