欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(热某某涉嫌诈骗案)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ت ج ئەيىبلىمەسلىك(2021) – نۇمۇرلۇق

   ئەيىپلەنمىگۈچى ر**، ئايال ،ئۇيغۇر،** ياش ،****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:3949*******653120، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ،ئۇقۇغۇچى، ي** شەھەر ناھىيىسىدىن،  ي** شەھەر ناھىيە ھ**يېزا ي** ق** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۇنى  ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى  بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ر**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 15- كۈنى (2021) 038-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن  ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

ئەيىبلەنمىگۈچى ر** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 12-كۈنچىگىچە بولغان ئارلىقتا، ئۆزىنىڭ نامىدىكى ئۈندىدار نۇمۇرى: rrmmrm0410، ئۈندىدار ئىسمى: 宝贝you بولغان ئۈندىدارىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ھەرخىل فارفۇر چىنە قاچىلارنىڭ رەسمى بىلەن ھازىر پائاليەت ۋاقتى باھاسى ئەرزان دېگەن ئېلاننى بىرگە چىقىرىپ ئۈندىدارىدىكى باشقا تورداشلىرىغا ئەۋەتىپ بىرىش ئارقىلىق، تور ئاممىسىنى قىزىقتۇرۇپ، توردا فارفۇر چىنە قاچىلارنى سېتىش نامىدا، توقسۇ ناھىيە ئاق ئالتۇن ئولتۇراق رايۇنى 18-بىنا 3-كورپۇس 602-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق (ئۈندىدار نۇمۇرى: dilnaz127، ئۈندىدار ئىسمى: 海) زىيانلانغۇچى خ**نىڭ 22200يۈەن پۇلىنى، چىرا ناھىيە ئاشلىق ئولتۇراق رايۇنى 1-بىنا 4-كورپۇس 102-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق (ئۈندىدار نۇمۇرى: aman1207r1019 ، ئۈندىدار ئىسمى: 阿曼妮萨 佳茵玻尿代理 ) زىيانلانغۇچى ئا**منىڭ 7750 يۈەن پۇلنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى ساڭفاڭگو شىمالى يۇلى 186-نۇمۇر تەيشاڭ ئولتۇراق رايۇنى 1-بىنا 6-كورپۇس 702-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق (ئۈندىدار نۇمۇرى:a0715aaaa، ئۈندىدار ئىسمى: eyime销售总监 阿迪拉) زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ 250 يۈەن پۇلى بۇلۇپ جەمئى  30200 پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇلارغا فارفۇر چىنە قاچىلارنى ئەۋەتىپ بەرمەي زىياللانغۇچىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر  3 نەپەر زىياللانغۇچىنىڭ زىينىنى تۇلۇق تۆلەپ قايتۇرغان، ھەمدە زىياللانغۇچىلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

  يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، زىياللانغۇچىنىڭ بايانى،  ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى،  رازىيە ئابدۇسەمەتنىڭ  ئىقرارى قاتارلىقلار بار. 

يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ . 

مەھكىممىز؛ ئەيىبلەنمىگۈچى ر**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇيل-مېلىنى ئالداپ ئېلۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى ر** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان ، جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇدۇ،زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن،ئالىي مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان ئۇقۇغۇچى، باشقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى ر**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارماق، 290-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،  ر**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .

ئەيىبلەنمىگۈچى  ر** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .

زىياللانغۇچىلار مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .

توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top