欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(玉某某危险驾驶案)

2021-09-23 尘埃 评论0

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك  قارارنامىسى

ك ت ئەيىبلىمەسلىك  〔2020〕4- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى يX ، ئەر ، ئويغۇر ، 1993 -يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : 6529231993******** ، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە  ، كەسپى : يوق ، يۇرتى : شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى : كۇچا ناھىيە * شىمالىي * كوچا *-بىنا*-ئىشىك **-ئۆي . ئىلگىرى جازالانمىغان .

خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019 -يىلى 12-ئاينىڭ 19 -كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕95-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى يXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 06-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جىنايەت گۇماندارىغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. گۇماندارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاركىتلارنى بېكىتىپ چىقتۇق:  

ئەيىبلەنمىگۈچى يX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 01:00 ئەتراپىدا مەسىت ھالدا ئۆزىنىڭ گۈللىنىش يۇلىغا توختىتىپ قويغان 新N**** نومۇرلۇق ماشىنىسىغا ئاغىنىسى ئاXى ئولتۇرغۇزۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ مېڭىپ*  باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان .

 شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئورنى ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزى يXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان ئىسپىرتنىڭ مىقتارى  104mg/100mlچىققان دەپ باھالاپ بېكىتكەن. 

دىمەك ئەيىپلەنمىگۈچى يXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىلىلىنىدۇ ، بىراق يXنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ، قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىقى ، قىلمىشىغا قارىتا تۆۋە قىلىش پوزىتسىيسىدە بولغانلىقىغا ئاساسەن « جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 175-ماددا 2-تارماقدىكى بەلگىلىمە بويىچە يXنى نىسپى ئەيىبلىمەسلىك بويىچە بىر تەرەپ قىلدۇق .

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ. 

زىيانلانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز  سۇنسا بولىدۇ . 

ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە مەمۇرى جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىسى             2020-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top