شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ت ج ئەيىبلىمەسلىك (2020)33– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ھ**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 3017*******652925، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئاشپەز، ت** ناھىيسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: ت** ناھىيە ئۇ** يېزا ئۇ** كەنت **-گوروپ **- كوچا **- نۇمۇر ، ھازىر ت** ناھىيە ئۇ** يېزا ئۇ* كەنت **-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 06-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن .
ھ**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24- كۈنى (2020) 201-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى ، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى .
مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.
ھ**2020-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 0:30 ئەتىراپىدا ، توقسۇ ناھىيە ئۇچقات يېزا ئۇچقات بازىردىكى ئۈزىنىڭ ئاشخانىسىدا ي** قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن سائەت 3:00 ئەتراپدا ، ئۈزى يالغۇز ئاشخانىنىڭ ھويلىسىغا توختۇتۇپ قويغان 新NV3950 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ ، ئۇچقات يېزا ئۇچقات كەنت تەۋەسى يول بۈلۈكىدە جەنۇپتىن شىمالغا يۈنىلىش بۇيىچە يول يۈرۈپ، ئۇچقات قەدىمى شەھەر تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن كەلگەندە ، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ئۇچقات ساقچىخانىنىڭ ساقچىللىرى ھ** ھەيدىگەن ماشىننى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ، ھ**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا دەلىل- ئىسپات ئالغاندىن كىيىن ، توقسۇ ناھىيە ئۇچقات يېزىلىق شىپاخانىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 1205-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ھ**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 100مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە ، ئۈن-سىن ماتىريالى، ھ**نىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
مەھكىممىز ئەيىبلەنمىگۈچى ھ**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش بەلگىلىمىللىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى ھ** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان ، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇدۇ، باشقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى ھ**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى ، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ (2019)34- نۇمۇرلۇق « شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى ( سىناق نۇسخا) نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھۈسەن غۇپۇرنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .
ئەيىبلەنمىگۈچى ھ** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .
توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论