شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
شايار ت ج بىرىنچى بۈلۈم ئەيىبلىمەسلىك چ (2020) -نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى يxx، ئەر، xx19 -يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxxxx65292419 ، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت x-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى يxx، قxx (ئايرىم بىرتەرەپ قىلىنغان)لارنىڭ جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ش ج خ چىقىش (2017) 139-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى يxx 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا قxx بىلەن بىللەن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە شايار تۈرمىسىگە بارغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى يxxنىڭ ئاچىسى رxxنىڭ قوي قوتىنىغا كىرىپ، 2000.00 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى تۇياق (بىر تۇياق چوڭ، بىر تۇياق كىچىك) قوينى ئوغۇرلاپ چىقىپ، قxxنىڭ ئىككى چاقلىق قارا رەڭلىك موتۇسىغا ئارتىپ، xx بازىرى xxكەنت x-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق قxxنىڭ ئاتىسى رxxنىڭ ئۈيىگە ئاپارغان، ئەتىسى xx بازىرى xx كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق قوي سودىگىرى مxxنى ئۈيىگە باشلاپ كىلىپ كىچىك ئەركەك قوينى 300 يۈەنگە ساتقان، چوڭ ئەركەك قوينى xx بازىرى xx كەنت 8-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق يxxقا 800 يۈەنگە ساتقان، ئاندىن قوي ساتقان 1100 يۈەن پۇلدىن ئەيىبلەنمىگۈچى يxx 600 يۈەننى، قxx 500 يۈەننى بۆلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى يxx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن مەزكۇر دېلودىكى ئوغرىلىق سوممىسى مىقدارى كۆپرەك دىگەن سومما ئۆلچىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، تۇنجى قېتىم دېلو سادىر قىلغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايى قىلمىشى يىنىك، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يxxنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرىز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسىمۇ بولىدۇ.
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
شايار ت ج بىرىنچى بۈلۈم ئەيىبلىمەسلىك چ (2020) 50-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى يۈسۈپ ياسىن، ئەر، 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652924199802080510، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە تويبولدى بازىرى ئاقىرىق كەنىت 3-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى يۈسۈپ ياسىن، قېمىردىن رازاق (ئايرىم بىرتەرەپ قىلىنغان)لارنىڭ جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ش ج خ چىقىش (2017) 139-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى يۈسۈپ ياسىن 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا قىمىردىن رازاق بىلەن بىللەن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە شايار تۈرمىسىگە بارغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچى يۈسۈپ ياسىننىڭ ئاچىسى رازىيەم قايىمنىڭ قوي قوتىنىغا كىرىپ، 2000.00 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى تۇياق (بىر تۇياق چوڭ، بىر تۇياق كىچىك) قوينى ئوغۇرلاپ چىقىپ، قېمىردىن رازاقنىڭ ئىككى چاقلىق قارا رەڭلىك موتۇسىغا ئارتىپ، تويبولدى بازىرى ئاقىرىق كەنت 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق قېمىردىن رازاقنىڭ ئاتىسى رازاق ئابدۇلنىڭ ئۈيىگە ئاپارغان، ئەتىسى تويبولدى بازىرى ئاقىرىق كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق قوي سودىگىرى مىجىت رۇزىنى ئۈيىگە باشلاپ كىلىپ كىچىك ئەركەك قوينى 300 يۈەنگە ساتقان، چوڭ ئەركەك قوينى تويبولدى بازىرى ئاقىرىق كەنت 8-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ياسىن مامۇتقا 800 يۈەنگە ساتقان، ئاندىن قوي ساتقان 1100 يۈەن پۇلدىن ئەيىبلەنمىگۈچى يۈسۈپ ياسىن 600 يۈەننى، قېمىردىن رازاق 500 يۈەننى بۆلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى يۈسۈپ ياسىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن مەزكۇر دېلودىكى ئوغرىلىق سوممىسى مىقدارى كۆپرەك دىگەن سومما ئۆلچىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، تۇنجى قېتىم دېلو سادىر قىلغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايى قىلمىشى يىنىك، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يۈسۈپ ياسىننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرىز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسىمۇ بولىدۇ.
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论