شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 60-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ي XX ، ئەر، ئۇيغۇر، 26 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011993XXXXXXXX ، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX تەۋەلىكى XX ئاھالىلەر كومتتى XXگۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايەت تاپاۋىتىنى نىقابلاش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلىگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ي XX نىڭ جىنايەت تاپاۋىتىنى نىقابلاش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى (2020) 105-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ب XX 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:30 لار ئەتىراپىدا ئوغىرلىق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى ق XX ئاقسۇ شەھەرXX تەۋەلىكىXX ئاھالىلەر كومتىتى XXرايۇن XXكوچا XXنۇمۇرلۇق ئۆيىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 3159 يۈەن قىممىتىدىكى موتوسىكىلىتىنى ئوغرىلاپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ي XX غان ساتقان، ئەيىبلەنمىگۈچى ي XX ئوغىرلانغان موتو ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ 500 يۈەنگە سېتىۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ي XX نىڭ قىلمىشىدىن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەھكىمىمىزگە ئەيىبلىگەن جىنايەت يولى ئارقىلىق ئىرىشكە تاپاۋەتىنى يۇشۇرۇش جىنايىتى شەكىلەنمەيدۇ. دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى ي XX نى قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولدۇ.
تەپتىش: ئايچولپان ئېزىز
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论