欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(如某某盗窃案)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

شايار ت ئەيىبلىمەسلىك (2020)    -نۇمۇرلۇق    

ئەيىبلەنمىگۈچى رxx، ئايال، 1976-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxxxx65292419، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلىپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2020-يىلى 3–ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى رxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3–ئاينىڭ 11-كۈنى ش ج خ چىقىش  (2019) 27-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

ئەيىبلەنمىگۈچى رxx 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 05:00 لەر ئەتراپىدا، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە xxبازىرى xx كەنت x-گوروپپىدىكى ئۇدۇل خوشنىسى مxxنىڭ ياغاچ شاخشىسىنى ئېچىپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ، ھويلىدىكى پىشايۋان ئاستىدىكى يەرگە دۆۋلەپ قويغان زىيلانغۇچى ئاxxنىڭ 2144 يۈەن قىممىتىدىكى 320 كىلوگىرام كېلىدىغان پاختىسنى ئۆزى ئالدىن تەييارلاپ ئېلىپ كىرگەن خالتا ۋە شۇ ھويلا ئىچىدىكى خالتىغا قاچىلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ زىينى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن.

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى رxx « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن جىنايى قىلمىشى يىنىك، تۇنجى قېتىم تاساددىبى دېلو سادىر قىلغان، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن رxxنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى رxx پاختا ئوغرىلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن 19 دانە خالتا قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى تەرەپ مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ  ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز  قىلسىمۇ بولىدۇ .

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top