شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھىرى
قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ق ر ت ج ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك [2020]94-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى *******، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى **********65020319، كەسپىي تىخنىكۇم مەلۇماتلىق، كەسىپسىز، نوپۇسى قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ** مەھەللىسى *-بىنا *-ئۆيدە، ھازىر قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ** مەھەللىسى *-بىنا *-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ21-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچى *******نى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىللە جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ نۆۋەتچى ئادۋۇكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ،بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 22 لەر ئەتراپىدا، ئەيىبلەنمىگۈچى ******* ئۆزىنىڭ**** نومۇرلۇق كىچىپ تىپتىكى ئاپتۇموبىلىنى ھەيدەپ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى *** يولىدا جەنۇبدىن شىمال يۆنىلىشىنى بويلاپ مىڭىپ،** يىڭى يولى كىسىشمىسىگە كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن توختۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئەيىبلەنمىگۈچى *******نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش قورالى ھەيدىگەنلىكى بايقالغان. ئۇنىڭ قان تەركىبىنى تەكشۈرگەندە ھەر 100 مىللىمېتىردا 109.8 مېللىگرام ئىسپرىت بارلىقى ئېنىقلىنىپ مەسىتلىك ئۆلچىمىگە توشقان.
ئەيىبلەنمىگۈچى ******* بارلىق تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلاشقان ھەم ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : ئەيىبلەنمىگۈچى ******* ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن، قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىدا بەلگىلەنگەن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. ئەمما ئەيىبلەنمىگۈچى ******* تاش يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلمىغان، ئىجدىمائىي خەۋىپ-خەتىرى بىر قەدەر تۆۋەن، جىنايى قىلمىشى يېنىك، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان. جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكىرسىز بولۇش بىلەن بىللە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچى *******نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论