欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(库某某非法经营案)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى 

                 ئۈ ت ت 3-ب ج ئە م ق 20205–نومۇرلۇق 

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

ئەيىبلەنمىگۈچى  قۇ **، ئەر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى: ********6501081977، ئۇيغۇر،  تۇلۇق كورس مەلۇماتلىق، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئادېرسى: ئۈرۈمچى شەھەر مىدۇڭ رايۇنى ** بازىرى **كەنىت قوشۇمچە **-نۇمۇر، ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى ** يولى ** كوچا **-نۇمۇر ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىقتىساد تىخنىكا تەرەققىيات رايۇنى (تۇدۇڭخابا) شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ **نىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 12–ئاينىڭ 24-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى  ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق.  ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2012-يىلى 8-ئايدىن 2017-يىلى 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ **  ئۆزىدە تاشقى پىرۋوت تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىش سالاھىيتى ھازىرلانمىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ، شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى شەرىق شامىلى يولىغا جايلاشقان جۇڭگۇ بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى تىجارەت زالى ئەتراپىدا تاشقى پېرىۋوتنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا دوللار ساتقان خەلىق پۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن بانكا كارتىللىرى ئارقىلىق ھىسابات قىلغان. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىش قىلمىشىغا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** خۇۋ**دىن 8 قېتىمدا خەلق پۇلى  446200 (تۆت يۈز قىرىق ئالتە مىڭ ئىككى يۈز) يۈەنگە دوللار سېتىۋىلىپ، باشقىلارغا ھايىنىغا ساتقان. ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن خوۋ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن. 

2. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** شىياڭ**دىن  1 قېتىمدا خەلق پۇلى  311500 (ئۈچ يۈز ئون بىر مىڭ بەش يۈز) يۈەنگە دوللار سېتىۋىلىپ، باشقىلارغا ھايىنىغا ساتقان. ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن شىياڭ ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

3. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** يەن **دىن 11 قېتىمدا خەلق پۇلى  464945 (تۆت يۈز ئاتمىش تۆت مىڭ توققۇز يۈز قىرىق بەش) يۈەنگە دوللار سېتىۋىلىپ، باشقىلارغا ھايىنىغا ساتقان. ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن يەن ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

4. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** لىيۇ **دىن 5 قېتىمدا خەلق پۇلى  289700 (ئىككى يۈز سەكسەن توققۇز مىڭ يەتتە يۈز) يۈەنگە دوللار سېتىۋىلىپ، باشقىلارغا ھايىنىغا ساتقان. ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن لىيۇ ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

5. 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** ئا**تىن 2 قېتىمدا خەلق پۇلى  311900 (ئۈچ يۈز ئون بىر مىڭ توققۇز يۈز) يۈەنگە دوللار سېتىۋىلىپ، باشقىلارغا ھايىنىغا ساتقان. ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن ئا** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

6. 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** باشقىلاردىن سېتىۋالغان دوللارنى يەن ** غا 1 قېتىمدا 30500 (ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز) يۈەنگە ھايىنىغا ساتقان. يەن ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

7. 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** باشقىلاردىن سېتىۋالغان دوللارنى جاڭ ** غا 2 قېتىمدا 1252000 (بىر مىليۇن ئىككى يۈز ئەللىك ئىككى مىڭ) يۈەنگە ھايىنىغا ساتقان. جاڭ ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

8. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 23كۈنى ۋە 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** چى **دىن 2 قېتىمدا خەلق پۇلى  408300 (تۆت يۈز سەككىز مىڭ ئۈچ يۈز) يۈەنگە دوللار سېتىۋىلىپ، باشقىلارغا ھايىنىغا ساتقان. ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن چى ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

9. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** باشقىلاردىن سېتىۋالغان دوللارنى ۋاڭ ** غا 1 قېتىمدا 550000 (بەش يۈز ئەللىك مىڭ) يۈەنگە ھايىنىغا ساتقان. ۋاڭ ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

10. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** باشقىلاردىن سېتىۋالغان دوللارنى دى**غا 330000 ئۈچ يۈز ئوتتۇز مىڭ) يۈەنگە ھايىنىغا ساتقان. دې** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا 7 قېتىمدا يۆتكەپ بەرگەن.

11. 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** باشقىلاردىن سېتىۋالغان دوللارنى لى **غا 1 قېتىمدا 692000 (ئالتە يۈز توقسەن ئىككى مىڭ) يۈەنگە ھايىنىغا ساتقان. لى ** دوللار سېتىۋالغان يۇقارقى پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىدىن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.

دىمەك ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ **  41 قېتىمدا خەلق پۇلى 5087045 (بەش مىليۇن سەكسەن يەتتە مىڭ قىرىق بەش)  يۈەنگە دوللار ئېلىپ ساتقان. 

ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ج خ ئورگىنىنىڭ تىلفۇندا ئىغىزاكى چاقىرتىشى ئارقىلىق تۇتۇلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ **نىڭ  سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، ئەيىبلەنمىگۈچى قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت سودىسىدا ئىشلەتكەن بانكا ھېساباتىنىڭ تەپسىلى كىرىم چىقىم خاتىرىسى، ھىسابات خاتىرسىنى تونۇتۇش ئىسپاتى، ئامرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىساپلاش باھا جەدۋىلى قاتارلىقلار؛

2. گۇۋاھچى خوۋ **، شىياڭ ** قاتارلىقلاردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ **نىڭ  تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى؛

5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار ؛

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ **نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ **نىڭ قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە، دۆلەت بىكىتكەن تاشقى پىرىۋوت ئالماشتۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكا، جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت سودا مەركىزى ياكى ئۇنىڭ تارماق مەركىزى قاتارلىق جايلاردىن باشقا جايلاردا ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز تاشقى پىرىۋوت ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازار تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى قۇ ** تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ج خ ئورگىنىنىڭ تىلفۇندا ئىغىزاكى چاقىرتىشى ئارقىلىق دېلوغا كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيسى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يىنىك. يۇقارقى ئەھۋاللارنى ئومۇمىيۈزلۈك ئويلىشىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 37-ماددىسى، 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177–ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قۇ **نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. 

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېينىكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

 

 

    تەپتىش: پاتىگۈل تۇرسۇن  

   تەپتىش ياردەمچىسى: مەمەت توختى

2020–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top