和静县人民检察院
不起诉决定书
和静县检一部刑不诉〔2020〕23号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قاراى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك (2020) -نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى لXX، ئەر،ئۇيغۇر،XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX65282719، تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يۇق،ئىلگىرى جازالىنىپ باقمىغان. نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە XX بازىرى XX كەنتى XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە XX بازىرى XX كەنتى XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر،2020– يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستللىرنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانغا ئاساسەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلغۇچە كىپىللىككەبىرىلگەن،ھازىرئائىلىسىدەكىپىللىكتە. ئەيىبلەنمىگۈچى لXXنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىگەئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، دىجۇرنى ئادۇۋكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستدا ئەيىبلەنمىگۈچى لXX بىلەن جىنايتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە ئەيىبلەنمىگۈچى لXX ئۆزىنىڭ 新MXXXXXنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىمۇبىلىنى ھەيدەپ خېجىڭ ناھىيىسىگە كىلىپ دۇستى قXX بىلەن «كاباننا» مۇزىكىلىق چايخانىسىغا بىرىپ، شۇ يەردە بىر قانچە دۇسلىرى بىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەن، سۇرۇن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن كاباننا مۇزىكىلىق چايخانىسىنىڭ ئالدىغا تۇختۇتۇپ قۇيغان ئاپتىمۇبىلىغا دۇستى قXX بىلەن ئەXX ئىككىسىنى چىقىرىپ ئاپتىمۇبىلنى ئاپتۇبىل توختىش مەيدانىدا كەينى تەرەپكە ياندۇرۋاتقان ۋاقىتتا شۇ ئەتراپتىكى چارلاش ساقچىلىرى لXXنىڭ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئاپتىمۇبىل ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ {2020}5300-نۇمۇرلۇق چىقارغان باھالاش پىكرىدە ئەيىبلەنمىگۈچى لXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 103 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقتدارى بارلىقى بىكىتىلگەن .
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،باھالاشنامە،نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى لXX قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسىنى ماشنا توختىش مەيدانىدا مەس ھالەتتە ھەيدىگەن، قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.ئەمما لXX ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىنى ماشنا توختىش مەيدانىدا ھەيدىگەن، جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقنى بىلىدۇردى. ئىسپىرت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس ،ئىغىر ئاقۋەت پەيدا قىلمىغان،قىلمشغا پۇشايمان قىلغان.شۇڭا لXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىمىزنىڭ قارار قىلىشى بىلەن ئەيىپلەنمىگۈچى لXXگە قارىتا ئەيىپلىمەسلىك ( نىسپى ) قارارى چىقىرىلدى .
ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىگە قايىل بولمىسا ،قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى قىلسا بولىدۇ.
خېجىڭ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论