欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(艾某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-23 独角龙 评论0

乌什县人民检察院

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2021〕10号

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ                                   ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى 

ئۇ ن ت ئەيىپلىمەسلىك (2020) 10–نومۇرلۇق 

ئەيىپلەنمىگۈچى ئە ،XX ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********65292719، ئۇچتۇرپان ناھىيە ئۇچتۇرپان بازىرى دوستلۇق يولى **-كوچا **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ئەيىپلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئەستايدىل ئاڭلىدى. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

 ئەيىپلەنمىگۈچى ئە XX 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت01:30 ئەتراپىدا دوستى ئا ،XX ئا ،X ئە ،XX ئەX قاتارلىقلار بىلەن ئۇچتۇرپان بازىرى يېڭى شەھەر ئولتۇراق رايونى 4-رايوندىكى «تۈن كىچە چايخانىسى» دا500 گىراملىق قىزىل ھاراقتىن بىر بوتۇلكا، %8 ئىسپىرىتلىك شاپتول شەربىتىدىن 8 پوتولكا ئىچىپ، سائەت 5:00 ئەتراپىدا قايتىپ چىقىپ يېڭى شەھەر ئولتۇراق رايۇنى «ئارچىن ئاشخانىسى» نىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新N0779L نومۇرلۇق ماشىنىسىنى باشقىلارغا ھەيدىگىزۈپ، ئىتىپاق ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە «ماشىنىنى ئۆزەم ھەيدەيمەن» دەپ ھەيدەپ مىڭىپ، ئۇچتۇرپان بازىرى قاراباغ يولى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان . 

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى ئە XXنىڭ ھەر 100 مىللىتىر قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 99.45 مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىت يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىپلەنمىگۈچى ئە XXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگلىمسدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ھەم راست، ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، پىراۋىسى بار قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا بولىدۇ، قىلمىشى يىنىك، قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا ئەيىبلەنمىگۈچىنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلدى.

مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىغان تەرەپ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ. بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top