欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(相对不起诉适用含认罪认罚)(艾某某盗窃案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

شايار ت ئەيىبلىمەسلىك (2020)  34 -نۇمۇرلۇق    

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652924XXXXXX0519، دېھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت 3-گۈرۈپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX نىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2018) 136-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا شايار ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پىيادىلەر يولىغا توختۇتۇپ قويۇلغان توكسىكىلىتلارنى كۆرۈپ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى نۇXX نىڭ 3889.00 يۈەن قىممىتىدىكى «مىڭ لى دا» ماركىلىق ئۈچ چاقلىق، جۈزىرەڭ توكسىكىلىتىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېنىدىكى توكسىكىلىت ئاچقۇچىنى توكسىكىلىتنىڭ قۇلپىسىغا سېلىپ، ئاچقۇچنى تولغاپ ئېچىپ، توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ ھەيدەپ ئۆزىنىڭ شايار بازىرى يېڭىباغ كەنت 3-گۇرۇپ 47-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قويغان، دىلو  پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئوغرىلانغان توكسىكىلىت ئەينەن تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن جىنايى قىلمىشى يىنىك، تاسادىبى جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولغان بولۇپ، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشنىڭ بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەXX  نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى تەرەپ مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ  ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز  قىلسىمۇ بولىدۇ .

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top